مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى يېقىندا رەسمى قۇرۇلغان.
ئىگەللىنىشىچە، چەتئەل يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى چەتئەلنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى زور مەسىلە ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ھەققىدە ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىكەن، مەركەزلىك مەسلىلەرگە جىددى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش تەتقىقاتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن چەتئەل يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىيات ئىستراتېگيەسى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە تەدبىر كۆرسىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا مەسلىھەت بېرىدىكەن.
بۇ مەركەز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشى ۋە بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، يەنە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە پەن تېخنىكا بايلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، مەھسۇلات ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى چوڭ، دۆلەت ئىچى سىياسى ۋەزىيىتى مۇقىم شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك تاشقى ھەمكارلىق كۆلىمى بېكىتىلگەن نۇقتىلىق دۆلەتلەرنى تاللاپ، رايون، تۈر، باسقۇچلار بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇلىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامرىكىسىدىكى ھەمكارلىقى مۇستەھكەملىنىپ، ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپا قاتارلىق رايونلاردىكى پەن تېخنىكا ھەمكارلىقى كېڭەيتىلىدۇ.
![]() |
12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved