سوغۇق ھاۋارايى «ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى توسۇپ قالالمىدى. دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى، تېببىي بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىك، دورا ياسالمىسى بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار بۆلۈم ۋە ئىشخانا خادىملىرىدىن بولۇپ 5 نەپەر خادىم ياكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
دوختۇرخانا بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 200 ئادەمنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويدى، 80 ئادەمگە ساغلاملىق بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بەردى، 1000 يۈەن قىممىتىدە دورا تارقىتىپ بېرىپ، قىشنىڭ سوغۇق پەسلىدە ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved