بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان يېنىك سۈپەتلىك خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 0.96 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، ھەر باكى 28.46 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلغان، چۈشۈش نىسبىتى %3.26 بولغان.
2016-يىلى 3-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتى قەرەللىك مېلى 0.21 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ھەر باكى 28.76 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلغان، ئۆسۈش نىسبىتى %0.72 بولغان.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 19-يانۋار ئېلان قىلغان خام نېفىت بازىرى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلاردا بۇ يىل قىش پەسلى ئىللىق بولغان، يەنە كېلىپ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغانلىقتىن، دۇنيا خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلاتقان، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى بۇ يىللىق دۇنيا خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 200 مىڭ باك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved