رۇسىيە نېفىت ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى %29 تۆۋەنلەتتى

         تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيە نېفىت ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى ئەسلىدىكى ھەر توننىسىغا 73.3 دوللاردىن 52 دوللارغا تۆۋەنلەتكەن، تۆۋەنلىتىش چاستۇتىسى %29 كە يەتكەن. رۇسىيەدە ئېكىسپورت قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ باھاسى ئۇلار ماركىلىق نېفىتنىڭ باھاسىنى ئاساس قىلىدىكەن. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن، 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە، ئۇلار ماركىلىق ھەر باك خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 32.46 دوللار بولغان. بىر ئاي ئىلگىرى ئۇلار ماركىلىق ھەر باك خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 39.40 دوللار بولغان.

          شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىكى نېفىت مەھسۇلاتىدىن ئېلىنىدىغان ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنىمۇ تۆۋەنلەتكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئادەتتە ھەر ئايدا خەلىقئارا بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتى ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى بىر قېتىم تەڭشەيدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گازدىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئازىيىپ، رۇسىيە ئىقتىسادى ناھايىتى زور تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-02-2016
       ئادەتتە، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تۇيۇقسىز باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، بەزىلەر بۇ قان ئازلىقنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايدۇ. بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقق...
01-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق ئەلرايى تەكشۈرۈشى ۋە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئەرزان ماي باھاسى ئامېرىكا خەلقىنىڭ خېلى كۆپ پۇلىنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىستىمال...
01-02-2016
2015-يىلى ئېلىمىزدە ئىستېمالنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %66.4 كە يېتىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتت...
01-02-2016
1- ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو نېفىتلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شىركەت مالىيە بۆلۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىشىچە، 2015-يىلى بازارغا سېلىنغان پايدىن كەلگەن پايدا ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60-%70 كىچە تۆۋە...
26-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
26-01-2016
      ئۇدا ئىككى سودا كۈنى ئۆسكەندىن كىيىن، ماي باھاسى بۈگۈن يەنە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى. WTI خام نېفىت باھاسى ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەر تۇڭى 32.74 ئامېرىكا دوللىرىدىن 30.88 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ %6 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. ...
23-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
21-01-2016
    خەلقئارا نېفىت باھاسى 20-يانۋار شىددەت بىلەن %7كە يېقىن چۈشتى، بۇ يىل كىرگەن دىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسى تۈز سىزىق بىلەن تۆتتىن بىرىچىلىك چۈشتى. 20-يانۋار نيۇيورك خەلقئارا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ھەر باكى 27 ئامېر...
20-01-2016
     بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.       19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال...
16-01-2016
      رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى بۇ يىللىق نېفىت ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىمەيدۇ، ئېھتىمال ئازراق ئېشىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.     نوۋاك:«بىزنىڭ ب...
Powered by Leglek