فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۈگۈن تايلاند جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى MH370 كە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بايقالغان قالدۇقلارنىڭ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشچە، بۇ قالدۇقلار ياپونىيە سەنلىڭ ئېغىر سانائەت ئىشلەپچىقارغان سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان راكېتا بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانى ئەمەس ئىكەن. بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بۇ قالدۇقلارنىڭ MH370 ئايروپىلانىغا تەۋە بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئاخىرلاشتۇرغان.
مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ۋە مالايسىيا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى شىركىتىدىكى بىر مۇتەخەسسىس گۇرۇپپىسى بۇ قالدۇققا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا دېيىشچە، تەپسىلىي دوكلاتتا زاپچاسلارنىڭ قۇراشتۇرۇش نومۇرى بېكىتىلگەن بولۇپ، توك سىمى دەستىسى نومۇرى ۋە بولت زاپچاسلىرى نومۇرى موردېنت 777 يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ماس كەلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved