گۈل-گىياھلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك «ھۆسىن تۈزىگۈچىسى» بولۇپ، ئۇ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، كېسەلنى داۋالاپ ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش قاتارلىق كۆپ خىل رولغا ئىگە. ئەمما قىزىل گۈلنىڭمۇ تىكىنى بولغىنىدەك، بەزى گۈل-گىياھلارنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەن ساغلاملىققا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
1. ئۆي ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەت ئۆستۈرۈشكە بولمايدىغان گۈل گىياھلار.
قارىغاي، ئارچا تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرگەندە، ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققان كۈچلۈك دېۋىرقاي پۇرىقى ئىشتىھانى تۇتۇلدۇرىدۇ، ھامىلىدارلار ئاياللارنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ، سېسىقيار بەزى ئادەملەردە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ؛ لالە گۈلنىڭ چېچىكىدە زەھەرلىك ئىشقار بولۇپ، ئۆي ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغۇزغاندا باش قېيىش، باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ؛ تۈنپۇراق گۈل كېچىدە فوتوسىنتېز رولىنى توختىتىپ كۆپ مىقداردا كېرەكسىز گاز ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار ئىچى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ؛ سېرىنگۈلنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە قويغاندا غەيرىي پۇراق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بەزى ئادەملەرنىڭ دېمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنىڭدىن ئاجرىلىپ چىققان گاز پۇرىقى ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرۈپ، بېشىنى قايدۇرىدۇ، شۇڭا بۇ گۈل-گىياھلارنى ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرمەسلىك ياكى ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇزماسلىق كېرەك.
2. زەھەرلىك گۈل-گىياھلار
سېرىق چېچەكلىك كاككۇكگۈلىنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا توكسىن بولىدۇ، ئەگەر ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، رەققەگۈلنىڭ ھەممە يېرىدە زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقى تېرىنى غىدىقلاپ، قىزىل ئىششىق پەيدا قىلىدۇ، غول-يوپۇرماقلىرى ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ؛ سۆگەتگۈلنىڭ شاخ، يوپۇرماق ۋە قوۋزىقىدا زەھەرلىك ماددا بولۇپ، بىر نەچچە گرام ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ تاقىر دەرەخ كۆپ شىرنىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى سۇنغاندا ئېقىپ چىققان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق تېرىنى قىزارتىپ ئىششىتىدۇ، ئەگەر كۆزگە كىرىپ كەتسە، كۆزنى كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ؛ لانتانگۈلنىڭ چېچەك ۋە يوپۇرمىقىدا زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئىستېمال قىلىنسا ئىچى سۈرۈش ۋە قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەرگىزنىڭ تەڭگىچە غولىدا كوللىدېن بولۇپ، ئىستېمال قىلسا ئۈچەي ياللۇغى ۋە قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يوپۇرمىقى ۋە چېچىكىنىڭ شىرنىسى تېرىنى قىزارتىپ، ئىششىتىدۇ، تاشسامساقنىڭ تەڭگىچە غولىدا تاش سامساق ئىشقارى قاتارلىق زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئادەم تېرىسىگە تېگىپ قالسا تېرە قىزىرىپ ئىششىيدۇ ۋە قىچىشىدۇ، تاشسامساق ئىشقارى نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسە بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىستېمال قىلسا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قول-پۇت مۇزلاش، ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ؛ ئۇياتچان ئوتتا ئوت ئىشقارى بولۇپ، كۆپ ئۇچراشقاندا چاچ ۋە كىرپىنىڭ چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ تىكەنگۈل غولىدىكى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقتا زەھەرلىك ماددا بولۇپ، كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆزنى كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ؛ چارپاقا يوپۇرماقنىڭ چېچەك ۋە يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنسا ئېغىز بوشلۇقى، كېكىرتەك، قىزىلئۆڭگەچ، ئۈچەي، ئاشقازان قاتارلىقلار ئىششىيدۇ، ھەتتا ئاۋاز پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ گاچا قىلىپ قويىدۇ؛ كاكتۇس تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىكىنىدە زەھەرلىك شىرنە بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە سانجىلىپ كەتسە تېرىسى قىزىرىپ ئىششىش، قاتتىق ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، بۇ گۈللەرنى ئۆستۈرگەندە گۈللەرنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ بەدىنىڭىزگە تېگىپ قېلىشدىن ۋە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىستېمال قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved