دى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدىن پارىژغا قايتىشىدا موسكۋادا توختىدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋنۇكوۋو ئايرودرومىدا ھوللاندى بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى پەسەيتىش ناھايىتى مۇھىم، ھازىر كرىزىسنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش شارائىتى ھازىرلاندى دەپ ھېسابلىدى.
ھوللاندى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كرىزىسى ئەۋج ئېلىپ كەتكىنىگە يېرىم يىل بولدى، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ھازىرقى بارلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ كرىزىسنى پەسەيتىپ، مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئۇرۇش توختىتىشى كېرەك. توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ يەنە بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشى، ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىشى كېرەك.
پۇتىن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كرىزىسىدا يېڭىدىن ئۆلۈم يىتىم پەيدا بولدى، پاجىئە داۋاملاشماقتا، رۇسىيە دائىرىلىرى قانلىق توقۇنۇشنى دەرھال توختىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ بىرلىككە كەلگەن سىياسىي بوشلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved