1.ئەرلەر گۈزەللىكى ئىجتىمائىي گۈزەللىكتۇر. ئىنسانلار جەمئىيىتى ئانىلىق جەمئىيەتيىن ئاتىلىق جەمئىيەتكە ئۆتكەندىن باشلاپلا ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇپ كەلدى. قايسى مىللەتتە چاكىنا، نادان ئەرلەر كۆپ بولسا، شۇ مىللەت ھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ؛2. ئەرلەر گۈزەللىكىنى ياراتقۇچىسى ئەمگەكتۇر. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بوز يەر ئېچىش، ئوۋچىلىق، چارۋا-مال بېقىش.... ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسىدە ئەرلەر ھامان بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ كەلدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك جەريانىدا ئەرلەر ساغلام، كۈچلۈك تەن قۇرۇلمىسىنى، قەيسەر، كەسكىن خاراكتېرنى يېتىلدۈردى؛
3. خاراكتېر ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئەرلەر گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئەرلەر گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ كېلىشكەن تەقى-تۇرقىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىنغ تېخىمۇ مۇھىمى قەيسەر خاراكتېرى ۋە يېڭىلمەس كۈچ-قۇۋۋىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر ئاددىي تەقى-تۇرقى بولسىمۇ، تاغ-دەريالارنى زىلزىلىگە سالغۇدەك جاسارەتكە، ئاجايىپ تالانتقا ئىگە بولالىغان. ئەرلەر خىزمەت ۋە ئائىلىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالالمىسا، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش بۇرچىنى ئادا قىلالمىسا، ھەرقانچە قاۋۇل، بەستلىك، كېلىشكەن بولسىمۇ، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ؛
4. ئەرلەر گۈزەللىكى قوپاللىق، شاللاقلىق ۋە ئەرلەر ئەزىز ئىدىيىسى بىلەن ئەمەس، جۇشقۇنلۇق، مەردانىلىق بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. قوپال، شاللاق ئەرلەر كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. ئەرلەر ئەزىز ئىدىيىسى ئاياللارغا مۇستەبىتلىك قىلىشتىن، ئۇلارنى قۇل قىلىشتىن، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەرلەر گۈزەللىكى بۇنداق خاھىشلارنىڭ خالى ئەلۋەتتە؛
5. ھەقىقىي ئەر ئېگىز تاغ، كۆز يەتمەس دېڭىز، بىپايان ئاسماندۇر. ھەقىقىي ئەر ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتىدۇ، لىڭتاسما ئەمەس، پاراسەتلىك بولىدۇ، لايغەزەللىك قىلمايدۇ، سەمىمىيلىكنى دوست تۇتىدۇ، مۇز چىراي ئەمەس، خۇشچاقچاق بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved