سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20- كۈنى قارار ماقۇللاپ ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىنى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم رولىنى يەنىمۇ تەكىتلىدى .قاراردا مۇنداق دېيىلدى :خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەھۋالغا قاراپ ساقچىلىق خىزمىتىنى تىنچلىق ساقلاش خىزمىتى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
ئالاقىدار ساقچى ئىشلىرىغا قارىتا ئېنىق روشەن ،ئىشەنچىلىك ۋە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەزىپە بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇناسىپ مەنبەلەرنى سەپلىدى .قاراردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ساقچى ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كەسىپلەشتۈرۈش ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك سېستىملاشتۇرۇش ،خەلق ۋە ساقچى ئىشلىرى تىنچلىق ساقلاش ئىستىراتېگىيىلىك رامكىسى بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسىنىڭ ساقچى ئىشلىرىغا ئالاقىدا خىزمەتنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىش ئۈمىد قىلىندى.
قاراردا ساقچى ئەۋەتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ زۆزۈر تېخنىكا ۋە تەجرىبىلىك ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تۇلۇق تاماملاش مۇراجىئەت قىلىندى ۋە ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە ئەۋەتىدىغان ئايال ساقچىلىرى بولۇپمۇ ئالىي دەرىجىلىك ساقچىلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرشىغا ئىلھام بېرىلدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved