2014-يىلى تەكشىسىز ھالەتتە ئۆتۈپ كەتتى، ياۋرو رايونى قانداق بولمىسۇن 2015-يىلىغا قەدەم قويدى. يېڭى يىلدا ياۋرو رايونى ئۇشتۇمتۇت چۇسلاشتى.
2014-يىلى ئاياغلىشىش ئالدىدا ياۋرو رايونىدا مۇنداق بىر يامان خەۋەر تارقالدى. گرېتسىيە پارلامېنتى تارقىتىۋېتىلدى. ھەمدە 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى قانۇن چىقىرىش سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يامان يېرى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان گرېتسىيىنىڭ سولچىل ئىتتىپاق رەھبىرى سىپۇلاس ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە يېتەكچىلىكىدىكى قىسىش سىياسىتىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ ھوقۇقنى قولغا ئالسا، گرېتسىيىنىڭ ياۋرو رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىشى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
ياۋرو رايونىدىكى كرىزىسى ئىسىمىز ئالساق تۇنجى قېتىم كرىزىسكە يولۇققان دۆلەت يەنە شۇ گرېتسىيە ئىدىغۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن خەۋپتە قالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى،ھەمدە ھالسىزلانغان ياۋرو رايونىدىكى بەش دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا گرېتسىيە ياۋرو رايونىدىن چېكىنىدىغانلىق خەۋىرى تارقالغان ئىدى. بۇ خىل ئېھتىماللىق ياۋرو رايونىدىكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە چۈشۈرگەن ئىدى. ئارقىدىن ياۋرو رايونىنىڭ گۇمران بولىشىنى توسۇش ئۈچۈن،ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ، ياۋروپا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئىككى نۆۋەتلىك غايەت زور مەبلەغ ياردىمى بېرىپ،گرېتسىيىنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.
ھازىر گرېتسىيىدە يەنە مەسىلە كۆرۈلدى. ھەمدە ياۋرو رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىش گىرۋىكىگە ئىلگىرىكى قېتىمدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. بىراق دەۋر ئوخشىمايدۇ. بۇ قېتىم ياۋرو رايونىدىكى يېتەكچى دۆلەتلەر كۆپلىگەن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالايلۇق،گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مېرىكىل تەييارلىق قىلىپ قويدى دەپ كۆرسەتتى.
ياۋرو رايونى كرىزىس پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىگە ئوخشىماي قالدى. 2012-يىلىدىن بۇيان، ياۋرو رايونى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كرىزىسنىڭ يامىرىشىنى تىزگىنلىدى. ھازىر ياۋرو رايونىدا 500 مىليون ياۋرولۇق موداپىئە تېمىغا ئىگە بولدى، ھەمدە ئىسپانىيە بىلەن ئىرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ پائال ئۆزگەردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا گرېتسىيە كرىزىسى ياۋرو رايونىنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىسى خاراكتېرلىق كرىزىسكە ئايلىنىشى قىيىن . يەنە كېلىپ لىتىۋان بۇ ۋاقىتتا ياۋرو رايونىنىڭ 19-ئەزا دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا ياۋرو رايونىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلماقتا. ئېھتىمال لىتىۋاننىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئامىلى مۇرەككەپ بولغان پاتقاققا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن. بىراق يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ ياۋرو رايونىغا مۇھىم كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
خىلمۇ خىل ئامىللار ياۋرو رايونىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ. سىپۇلاس ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن 240 مىليارد ياۋرو قەرزپۇل بىلەن تەمىنلەشنى، ئۇنداق بولمايدىكەن گرېتسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە يېتەكچىلىكىدىكى قىسىش سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپ گېرمانىيىنى ئوڭايسىزلاندۇردى. ھازىر بۇنىڭغا سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە گرېتسىيە بىلەن ياۋرو رايونىدىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا پسىخىك ئۇرۇشى ۋە ئۆز ئارا دەڭسەپ كۆرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ گرېتسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ياۋرو رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىشى خۇشاللىق بولماستىن بەلكى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ياۋرو رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، گرېتسىيىدىن ئايرىلىپ قىلىش چوڭ ئىش ئەمەس. بىراق گرېتسىيە ئوڭچىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئىسپانىيە قاتارلىق سولچىل كۈچلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنامدۇ؟ بۇ خىل سىياسىي جەھەتتىكى تارقىلىشچان كېسەلنىڭ قانداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ دېمەك گرېتسىيىنىڭ ياۋرو رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ياۋرو رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. گرېتسىيىنىڭ قەرز ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى %66 گە يېتىدۇ. ياۋروپا بانكىسى ئىلگىرىكى پىلان بويىچە ئومۇميۈزلۈك مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش تەدبىرىنى قويالماسلىقى مۇمكىن. ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېدى:گرېتسىيىنىڭ ياۋرو رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ياۋرو رايونىنىڭ لىخمان قېرىنداشلارنىڭ ۋەيران بولىشىغا ئوخشاپ قالىدۇ. 25- يانۋار يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالدى، كۆپچىلىك زادى كىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۈتمەكتە.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved