دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيە پارلامېنتىدا« ئەنئەنىۋىي دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ قالدۇرايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى تەرىپلەپ، جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سىياسەت تەشەببۇسىنى شەرھىيلەپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىمىز ۋە تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچىمىز بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كەڭ سەھنىدە جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى، ئىككى دۆلەت بىرى بىرىنى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكىمىز دەپ قارايدۇ، ئىككى دۆلەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئارزۇسى بىر بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان، جۇڭگو بىرازىلىيە ۋە باشقا لاتىن ئامېرىكىسى ھەمدە كارىب دۆلەتلىرى بىلەن بىرگە تىرىشىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەسلەكداش ياخشى دوستلاردىن، قول تۇتۇشۇپ بىرگە ئىلگىرلەيدىغان ياخشى شېرىكلەردىن بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.
نەق مەيداندا كەيپىيات دوستانە، قىزغىن بولدى، شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، ، نۇتۇق ئاياغلاشقاندا پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورونلىرىدىن تۇرۇپ ئالقىش بىلدۈرۈپ قىزغىن چاۋاك چالدى.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالېلوس بىلەن ئاۋام پالاتا باشلىقى ئالۋېس تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى نۇتۇق تېلېۋىزور ئارقىلىق پۈتۈن بىرازىلىيە خەلقىگە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بىرازىلىيە پارلامېنتىدا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن چەتئەل رەھبىرى، جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved