تاماق باھاسىنى كۆز- كۆز قىلغانلاردا ساختىلىق تېخىمۇ چوڭ: ئامېرىكىدىكى مۇنتىزىم ئاشخانىلارنىڭ تامىقى ھەرگىزمۇ ئەرزان ئەەمس، ئەگەر ئىككى ئادەم غىزالانماقچى بولسا، بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن 50 ئامېرىكا دوللىرىغىچە پۇل خەجلەش ئادەتتىكى ئىش، بۇنىڭغا تېخى تاپان ھەققى قوشۇلمىدى. ئەگەر مەكدونالد دېگەندەك ئاشخانىلاردا تاماق يېسىڭىز خېلى ئەرزان، بىر ئادەم چۈشتە تويغۇدەك تاماق يېيىش ئۈچۈن سەككىز ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ باھا ئانچە ئۆرە ئەمەس، ئەمما ئەرزان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.
«1.5 ئامېرىكا دوللىرىغا قورساق تويغۇزىدىغان ئىش» لارمۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇت، مەسىلەن كوستكو تاللا بازىرىنىڭ قارىمىقىدىكى «ئىسسىق ئىت يۈرۈشلۈك تائامى»، 1.5 ئامېرىكا دوللىرىغا بىر دانە ئىسسىق ئىت ۋە بىر قەغەز ئىستاكان كوكاكولا ئىچىملىكى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئىسسىق ئىت تامىقىنىڭ مىقدارى ئاز ئەمەس، ئىچىملىكنى داۋاملىق قوشقىلى بولىدۇ، ئىشتىھاسى ئادەتتىكىدەك كىشىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن تويىدۇ، ئىشتىھاسى چوڭراق كىشىلەرمۇ ئانچە- مۇنچە تويىدۇ، ئەمما بۇنداق ئاشخانىنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى سورىمىسىمۇ بىلگىلى بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنداق ئاشخانىنى مەۋجۇت دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما شۇنىڭغا قاراپلا «ئامېرىكىدىكى ئاشخانىلاردا تاماق ئىنتايىن ئەرزان» دېيىش كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىكتۇر. ئامېرىكىدا 30 نەچچە يىل ياشاپ، كېيىن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ ياشانغاندا كۈتۈنۈۋاتقان بىر دوستۇمنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېيىش ئىكەن، ئاشخانىدا بىر قېتىم تاماق يەپ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ھېسابات تالونىغا قاراپ باقسا، ھەممىسى يېرىم ئاي ئاچ قېلىشقا رازى بولىدىكەن، بۇ گەپ سەل ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئامېرىكىدا ئۆي باھاسى ئەرزان دېگەن گەپنى تېخىمۇ ئانالىز قىلىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ: ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۆي باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت ئەمەس، مۇئەللىپنىڭ بىر دوستى تېكساس شىتاتىدىن بىر قانچە گېكتار ھويلىسى بار بىر چوڭ تۇرالغۇنى ئاران 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان، نەچچە يىل ئىلگىرى دىترويت شەھەر ئەتراپىدا ئوقەت قىلىدىغان يەنە بىر دوستىمۇ 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك پۇل خەجلەپلا، كۆل بويىدىكى بىر يۈرۈش تۇرالغۇنى سېتىۋالغان، نۇرغۇن كىشىلەر «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىكى ئوخشاش تۈردىكى ئۆيلەرنىڭ باھا سېلىشتۇرمىسى» نى ئېلان قىلىپ، «كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ»، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار «ئامېرىكىدا ئۆي ئەرزان» ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە: ئامېرىكىدىكى كۆپ ساندىكى شەھەرلەر ۋە يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۆي تولىمۇ ئەرزان، ئەمما ئامېرىكىدىكى نوپۇس زىچلىقى جۇڭگودىنمۇ يۇقىرى بولغان بىر قىسىم دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەرلەر ۋە كاتتا تۇرالغۇ رايونلىرىدا، مەسىلەن نيۇيورك ۋە لوس ئانژېلېسنىڭ كۆپ قىسىم كوچىلىرى، سان فرانسىسكو قولتۇقى، سىئاتېلنىڭ بىر قىسىم مەھەللىلىرىدە ئۆي باھاسى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنىڭ يۇقىرىلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، مەسىلەن نيۇيورك ۋە ۋاشىنگتوننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاق ياقىلىقلار ياقتۇرىدىغان مەھەللىلەردە، بىر ياتاقلىق ئۆيلەرنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 2000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، تېخى سۇ، توك، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئايرىم ھېسابلىنىدۇ. سىئاتېلدىن ئىبارەت بۇ «مەغلۇب بولغان شەھەر» دە ئۆي باھاسىنىڭ نېمىشقا ئەرزان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدا كۆچمەس مۈلۈك ئۈچۈن تۈرلۈك نورمىدىن ئارتۇق خىراجەت (ئۆي- مۈلۈك بېجى، ئۆي سۇغۇرتىسى، مۈلۈك بېجى، خۇجىلىق باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىقلار) لەر تاپشۇرۇلىدۇ، بۇنداق خىراجەت يۈكى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئېغىر.
ھەقىقىي قىممەت نەرسە ئادەم كۈچى
ئەمەلىيەتتە مال باھاسى ماللارنىڭ باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە شەكىلسىز تاۋارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن ئادەم كۈچى مۇلازىمىتى دېگەندەك، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ئەۋزەللىككە ئىگە ئەمەس.
مەسىلەن مال يەتكۈزۈش، مەخسۇس دۇكاندا ئائىلە جاھازلىرى ياكى ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالسىڭىز، مال يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 50 ئامېرىكا دوللىرى ئارتۇق ھەق تۆلەيسىز، بۇنداق ئەۋەتىلگەن نەرسىلەر تېخى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قاچىلاقلىق بولۇپ، قوراشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئاۋارە بولىسىز، ئەگەر قوراشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ۋاقىت ھېسابلاپ ھەق تۆلەيسىز (يېقىندا ۋەيران بولغان بىر ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىنىڭ ئۆلچىمىدە سائىتىگە 150 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ھېسابلىناتتى)، پارچە زاپچاسلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئۆزىڭىز بېرىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلسىڭىز پۇل قوشىشىڭىز كېرەك. مال يەتكۈزۈش ۋە قوراشتۇرۇش قىممەت بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى ئائىلىلەر كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا ئامراق (مال يەتكۈزۈشكە پۇل خەجلىمەسلىك ئۈچۈن)، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر قوراشتۇرۇشنى بىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپكە قادىر كىشىلەر.
بۇ تېخى مۇزتاغنىڭ بىر بۇرجىكى (ئەھۋالنىڭ ئاز بىر قىسمى دېگەن مەنىدە) خالاس، ئومۇمەن «ئادەم» دېگەن سۆز بولسىلا، ئىش ھەققى ھەرگىزمۇ ئاز ئەمەس: مەسىلەن، تەرەت قاچىسى توسۇلۇپ قالسا، تۇرۇستىن سۇ ئاقسا، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىنىڭ ئىشىكى بۇزۇلۇپ قالسا، بۇلارنى ياساش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئۇستام «باشلىنىش باھاسى» بويىچە ھەق ھېسابلايدۇ، بۇ بىر «يۇقىرى ئىستېماللىق ئەندىزە»، بەزىلەر تېخى بېرىپ- كېلىش ھەققىنىمۇ ئالىدۇ؛ جۇڭگودا ئادەتتىكى ئاق ياقىلىقلار بالىلىق بولغاندا ياكى ئەر- ئايال ئىككىلا تەرەپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، قىرىقىدىن چىقىرىپ قويغۇچى ياكى سائەتلىك ئىشچى تەكلىپ قىلىش نورمال ئىش، ئەمما ئامېرىكىدا بۇنداق قىلىش «ھەشەمەتلىك ئىستېمال» ھېسابلىنىدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، جۇڭگودا چوقۇم ئادەم مۇلازىمەت قىلىشقا تېگىشلىك ئورۇنلار ئامېرىكىدا يوق، مەسىلەن ماي قاچىلاش، ئامېرىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا بىر- ئىككىلا ئادەم پونكىتقا قاراشلىق تاللا بازىرىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق تاۋارلارنى سېتىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار بىكار بولسا ئىناۋەتلىك كارتىسى يوق كىشىلەردىن نەق پۇل ئېلىپ قويىدۇ، كۆپ سانمدىكى خېرىدارلارنىڭ كارتىسى بار بولۇپ، ماينى ئۆزى قاچىلايدۇ. نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردىكى مېترو ئېغىزىدا بېلەت تەكشۈرىدىغان قاراۋۇل يوق، ھەتتا بازى يېڭى مىترولاردا شوپۇرمۇ يوق.
«ئامېرىكىدا داۋالىنىش پاراۋانلىقى ياخشى» دەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەلكىم قەستەن ئىش تېرىغىلى كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئىچىدە بىردىنبىر داۋالىنىش پاراۋانلىقى يوق دۆلەت، كىچىككىنە بىر كېسەلنى كۆرسەتكىلى بارسىڭىزمۇ «ئۇنىۋېرسال دوختۇر» (ھەر قانداق كېسەلنى كۆرىدىغان، ھېچقانداق دورا بەرمەيدىغان دوختۇر) دىن نومۇر ئېلىش ئۈچۈنلا 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك پۇل خەجلەيسىز، ئەگەر مەخسۇس بۆلۈمگە كۆرۈنمەكچى بولسىڭىز، نومۇر ئېلىش ھەققى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 150 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، تەكشۈرتۈش، دورا ئىشلىتىش، داۋالىنىشقا ئايرىم پۇل تۆلەيسىز، ئەگەر سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسىڭىز ئادەتتە كۆتۈرۈپ كېتەلەيسىز (قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئامېرىكىدىكى دوختۇرلار تالون چىقىرىپ بېرىدىغاندا باھا تالاشقىلى بولىدۇ)، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان بولسىڭىز، بىر قېتىم كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەش ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved