جاھان ئاگېنتلىقى 3-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەدە ISIS كە قاراشلىق دەپ قارالغان بىر قۇراللىق گۇرۇپپا، دۆلەتنىڭ ئىككى مۇھىم نىفىت مەيدانىغا ھۇجۇم قىلدى، نىفىت مەيدانىنى تاشقى ئىكىسپورت پورتىغا ئۇلاشتۇرىدىغان تۇربا يولى زىيانغا ئۇچرىدى.
لىۋىيە ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنى قوغداش قىسىملىرى باياناتچىسى ئەلى ھاسسى، لىۋىيەنىڭ مۇھىم نىفىت مەيدانلىرىدىن باھى ۋە مابرۇكقا بومبا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى، ئىككى نىفىت مەيدانىنى سىدرا نىفىت ئىكسپورت پورتىغا ئۇلاشتۇرىدىغان تۇربا يولىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ھاسسى، بۇ ۋەقەنى قىلغانلارنىڭ ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» گە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، لىۋىيەدە ترابلۇس ۋە توبرۇكتا ئايرىم ئىككى ھۆكۈمەت ۋە ئىككى پارلامېنتنىڭ بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان سىياسىي كىرزىسلەرنى پۇرسەت بىلىپ مەيدانغا چىققان ISIS لار، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قانچە نىفىت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved