نۇر بەكرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى


ئاپتونوم رايونىمىز 1998–يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭگو – قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى ئارا ئىقتىساد– سودا ھەمكارلىق كومىتېتى شىنجاڭ – قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى مېخانىزمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قەرەللىك ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدى. بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى مېخانىزمى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. سالىيېۋ تۆمۈر بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 7–قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالايىتەن كەلگەنىدى. يىغىن مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد – سودا، قاتناش–تىرانسپورت ، يېزا ئىگىلىكى ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم يىغىن خاتىرىسى ئىمزالىدى .


نۇر بەكرى مۇنداق دېدى : بۇلتۇر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلغاندا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر دۆلىتىمىز شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىدۇق، بۇ پىلاننىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد–سودا، يېزا ئىگىلىكى ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى مۇقەررەر. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


سالىيېۋ تۆمۈر مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە سالغان مەبلىغى ناھايىتى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور ئىلگىرى سۈردى. ھازىر جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، سودا، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



خەتكۈچلەر:
11-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek