قىش پەسلى ھاۋا سوغۇق بولىدۇ، بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا قىش كۈنلىرى ماسكىنى داۋاملىق تاقاپ يۈرۈش كېرەكمۇ، قانداق ماسكىلارنى تاقاش كېرەك؟
ماسكا تاقاش – تاقىماسلىقتا ھاۋاغا قاراش كېرەك. كىشىلەرنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى (دىماغ)، كېكىردەك، كاناي قاتارلىق نەپەس يوللىرىنىڭ يۈزىنى شىللىق پەردىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، شىللىق پەردىلەرنىڭ ئاستىدا قان تومۇرلار بولىدۇ. سوغۇق ھاۋا بۇرۇنغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن نەپەس يوللىرىدىن ئۆتۈپ ئۆپكىگە بېرىش جەريانىدا تەدرىجىي ئىللىپ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. بەدەننىڭ بۇ خىل فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى چېنىقىش ئارقىلىق كۈچەيتىلىدۇ. داۋاملىق ماسكا تاقاپ يۈرگەندە پۈتكۈل نەپەس يوللىرىدىكى شىللىق پەردىلەر چېنىقىشتىن مەھرۇم قېلىپ، سوغۇققا يولۇقسىلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قىش كۈنلىرى داۋاملىق ماسكا تاقاپ يۈرگەندە سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بىراق قىش پەسلى تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل بولۇپ، تۇماندا كۆپ مىقداردا PM2.5 دانچىلىرى بولىدۇ، بۇلار ئادەمنىڭ نەپەس يوللىرىغا كىرىپ شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلايدۇ، ھەتتا ئۆپكىنى زەخىملەندۈرۈپ ئاسانلا نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ماسكا تاقاش كېرەك.
مەخسۇس ئىشلەنگەن مۇداپىئە ماسكىسى تاقاشنىڭ ھاجىتى يوق. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ماسكىلارنىڭ مۇداپىئە ماتېرىيالى قانچە زىچ بولسا دانچە ماددىلارنى توسۇش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، بىراق ئاسان ھاۋا ئۆتمەيدۇ. مەخسۇس ئىشلەنگەن مۇداپىئە ماسكىسىنى تاقاش ئۈچۈن چوقۇم تەربىيەلىنىش كېرەك، بولمىسا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن باش قېيىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ماسكا تاقىغاندا ئىككى تەرىپىنى ئالماشتۇرۇپ تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ماسكا يۇيغان چاغدا ماسكىنى قايناق سۇدا بىرنەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ دېزىنفېكسىيەلىگەندە ئاندىن مىكروب ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved