ئىراق-ئىئوردانىيە چېگرىسىدا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
يەر شارى خەۋەر تورى 25-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراقنىڭ ئىئوردانىيە چېگرىسىدىكى ترايبىل چېگرا ئېغىزىدا بومبا قاچىلانغان 3 ماشىنا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن 5 كىشى ئۆلگەن، 9 كىشى يارىلانغان. ئەنبار رايۇنلۇق مەجلىس باشلىقى ساباھ كەرھۇت مۇخبىرغا قىلغا سۆزىدە، تېرور تەشكىلاتى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى»نىڭ ترايبىل چېگرا ئېغىزىغا بومبا قاچىلانغان ئۈچ ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ؛ «ئىراق چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى چېگرا ئېغىزىغا يېقىنلاشقان ماشىنىلارغا ئوق چىقاردى، بۇ جەرياندا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاتقۇچىلار ماشىنىسىنى پارتلاتتى. ۋەقەدە چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىدىن 5 نەپىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 9 نەپىرى يارىلاندى» دېدى. كەرھۇت، ۋەقەنى سادىر قىلغانلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىئوردانىيە ئارمىيە باياناتچىىسى پولكوۋنىك مەھمۇد ئەل-ئامىرى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ چېگرانىڭ ئىراق تەرىپىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئامىرى؛« چېگرادىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى. ترايبىل چېگرا ئېغىزى ئىراق بىلەن ئىئوردانىيە ئارىسىدىكى بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى ھىسابلىنىدۇ.
بۇ جەرياندا ئىراقنىڭ ئىئوردانىيە چېگرىسىدىكى ترايبىل چېگرا ئېغىزىدا بومبا قاچىلانغان ماشىنا پارتىلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىئوردانىيە تەرەپ ئۆز تەرىپىدىكى چېگرا ئىشىكىنى تاقىۋەتتى.
25-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
|
 |
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
|
 |
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
|
 |
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
|
 |
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
|
 |
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
|
 |
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
|
 |
مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
|
 |
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
|
 |
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
|