رۇسىيەنىڭ جازالاشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈشى تەسكە توختىماقتا

‏12-سېنتەبىر غەرب رۇسىيەنى تولۇقلاپ جازالاشنى جاكارلىغان كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئەمما ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئاممىغا ئېلان قىلىنمىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئالدىنقى نۆۋەت رۇسىيە قوللانغان ياۋروپا ئامېرىكىدىن قىسمەن يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتەك قارشى تۇرۇش تەدبىرىدە مۆلچەرلىگەندەك ئۈنۈم قولغا كەلمىدى، قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى تۈزگەندىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا پەيدا قىلىدىغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك، ھۆكۈمەت يېڭىدىن قارشى تۇرۇش تەدبىرى چىقىرىشتا ئېھتىياتچان بولىدۇ.


ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا 12-سېنتەبىر رۇسىيەنى تولۇقلاپ جازالاشنى رەسمى قارار قىلغان ۋاقىتتا، جازالاشقا چېتىشلىك كارخانا رۇسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى بانكىسى ۋە نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئە كارخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. جازالاشقا چېتىشلىق كارخانا ئامېرىكا، ياۋروپا بانكىلىرى تەمىنلىگەن مۇددىتى 30 كۈندىن ئاشىدىغان قەرىز پۇلغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىمۇ رۇسىيەنى قىدىرىش، دېڭىز نېفىتىنى ئېچىش، سىلانېتس مىيىنى ئېچىشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىدى.

 


غەربنىڭ رۇسىيەنى قۇشۇپ جازالاش خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئىقتىساد ياردەمچىسى بىرۇۋۇسوف ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: قارشى تۇرۇش تەدبىرى غەربتىن ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، كىيىم-كېچەك ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە بەلكىم غەربتىن توڭلاتقۇ ۋە خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى مۇمكىن. زۇڭلى مېدىۋىدىفمۇ غەرب ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئىشلىتىدىغان يىراق شەرق لىنىيەسىنىمۇ چەكلىنىشى مۇمكىن دېگەنىدى.


ئەمما بۈگۈنگىچە بۇ قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئەمەلىيلەشمىدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: غەربنىڭ رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرى ھەقىقەتەن رۇسىيە ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادقا يەنىمۇ تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى قارشى تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىۋركوۋىچ يېقىندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قارشى تۇرۇش تەدبىرى تېخى مۇزاكىرە قىلىنمىدى. بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار: ئىقتىسادقا پايدىلىق ئەھۋالدىلا رۇسىيە قارشى تۇرۇش تەدبىرى چىقىرىدۇ، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى يوق، دېدى.


‏رۇسىيە 8-ئايدىن باشلاپ غەربنىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيەنى جازالاشنى يولغا قويغان دۆلەتلەردىن يىمەكلىك ئىمپورت قىلىشنى، كالا گۆشى، چوشقا گۆشى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بېلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قارشى تۇرۇش تەدبىردە كۆزلەنگەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنمىدى، ئەكىسچە، رۇسىيە مەملىكەت ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەپ كەتتى.


رۇسىيەلىك تەھلىلچى ئارباتوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ غەربتىن ئىمپورت قىلىدىغان يىمەكلىكى مەملىكەت ئىچى يېمەكلىك بازىرىنىڭ %20نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ئامېرىكا، ياۋروپا ئېكىسپورت قىلغان ئۇلۇشنىڭ %1گە چېتىلىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭكىگە قارىغاندا روشەن چوڭ، رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك بازىرىدا تۇيۇقسىز مۇشۇنداق تەمىنلەش بوشلۇقى كۆرۈلدى، بۇ يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.


ئارباتوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ جازالاشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئالدى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازىسىغا ئوخشاش ئىقتسادى ئۈنۈم بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەتتىكى كەسكىن ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىمۇ زەخمىلەندۈرمەيدىغان قارشى تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ناھايىتى تەس. غەرب ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق لىنىيەسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىشى ياۋروپا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، بەلكىم ئۇچۇش تەننەرخىنى كۆپىيىشى مۇمكىن، لىكىن رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تاقىلىپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا غەرب ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ھەر يىلى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئىشلىتىپ، رۇسىيەگە نۇرغۇن ھەق تۆلەيدۇ. بۇ ھەقتىن ئايرىلىپ قىلىش رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى قېيىن ئەھۋالدا قويىدۇ.


رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئېنىق ھالدا: غەرب جازالىغان كەىسپلەرنى قوغدايمىز، دېدى. مىدۋىدىف يېقىندا مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك كەىسپلەرنى قوغداش- دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى. جازالانغان كەسىپلەر مەيلى دۆلەت ئىلىكىدىكى ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، دۆلەت ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق زىيان تارتقان كارخانىلارغا ياردەم بېرىدىكەن. رۇسىيە يەنە ئامېرىكا ياۋروپانى جازالاش توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرىز سۈنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek