يېڭى بىر يۈرۈش ھەشەمەتلىك خەلق پۇلى دۇنياغا كەلگىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى. بىزمۇ بۇ نۇسخىدىكى پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇ پۇلغا كونا نۇسخىدىكى پۇلنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ساختىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە پەرقلەندۈرۈش خاسلىقى جەھەتتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. تېخى يېڭى شەيئى بولغاچقا، بەزى كىشىلەردە خاتا چۈشەنچىلەرمۇ بولدى.
ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىملىق شاللاش، ئۆزگەرتىش، ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلار كېتىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، 1999-يىلىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىدىن باشلاپ، چەتئەللەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئىشلىتىۋاتقان قوش نومۇر ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن. 2005-يىلىغا كەلگەندە بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ئىككىنچى نۇسخىسىغا چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان نومۇر، لايىھەلەرنى ئىشلىتىپ، قوش نومۇر ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. لېكىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2015-يىللىق نۇسخىدا كونا نۇسخىدىكى ئۇسۇلنى يەنە قوللىنىپ، غەلىتە بىر ئىش بولغاندەك ھېس قىلىشتۇق. دۆلەت ئاللىقاچان ۋاز كەچكەن بۇ ئۇسۇلنى يەنە نېمىشقا قايتىدىن ئىشلىتىدۇ؟
ئەسلىدە ساختا پۇل ياسىغۇچىلار بارغانسېرى زېرەكلىشىپ، ھەر خىل تولۇقلاش ۋە بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ساختا پۇل ياساپ، بىر پارچە ساختا پۇلنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىمۇ راست پۇل تەستىق ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ، ساختا پۇلنى راستقا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلىگەن. شۇڭا ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ قېتىم قوش نومۇرنى قوللانغاندا، ئوخشىتىپ ياساشتىن مۇداپىئەلەنگىلى ۋە تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ قەغەز پۇل باش ھەرپلىرىنى پەرقلەندۈرۈشىدىكى توغرىلىق نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. 2015-يىللىق بۇ نۇسخىدىكى 100 يۈەننىڭ گىرۋىكىدىكى كۆك رەڭلىك تىك نومۇرىغا يەنە يالتىراق نۇر ئۈنۈمى قوشۇلۇپ، ئامپىلتۇدا چەكلىگۈچ چىراغ نۇرىدا ئۆزگىچە يالتىراق ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ. بۇ راست پۇلنىڭ پەرقلەندۈرۈلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ساختا پۇل ياساش قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1999-يىلىدىكى نۇسخىدا بەزى لايىھەلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولمايلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولغان. نېمىلا دېگەن بىلەن مەيلى دۆلىتىمىز بولسۇن ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، پايدىسى بولمىغان نەرسىنى ھەرگىز پۇل ئكستىگە بېسىپ قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. چوقۇم ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتى بولىدۇ. بەلكىم 2005-يىلىدىكى نۇسخىدا چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان لايىھە، نومۇرلارنى ئىشلىتىپ، ساختا پۇل ياسىغۇچىلارنىڭ بەت ياسىغاندا پۇل نومۇرى بېسىش قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، تولۇقلاش ۋە بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى بولغاچقا ئەمدى بۇنداق قىلىشنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمىدى. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى چوڭ-كىچىك نومۇرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىمۇ تۆۋەنلەتتى. بۇنڭدىنمۇ يەنىلا بىر قىسىم كونا تېخنىكىلارنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
![]() |
ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئۆي سېلىشقا ياردەم بېرىش جەمىيىتى ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇش ياش چەكلىمىسىنى 75 ياشتىن 85 ياشقا ئۇزارتتى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ياش چەكلى...
|
![]() |
مۇخبىرلىرىمىز يۆ يەنيۈن، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ماي سائەت 12 دە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پولات لىمى ئوڭۇشلۇق قۇراشتۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال با...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved