ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ كۈنى «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.
ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزور تورى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئەلبىلال كۇرت ئارمىيەسى ساقلاۋاتقان زەمبىرەك بازىسىنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ بازىغا 500 قاداق ئېغىرلىقتىكى لازىر نۇرى بىلەن كۆنترول قىلىنىدىغان بومبىدىن ئىككىنى تاشلىغان.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىشانلىرىغا ئىككىنچى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.
ئىراقنىڭ ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىغلانلىقتىن، ئامېرىكا قوشما شىتات ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ بارلىق سودا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئىراق ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved