بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
5-ماي نازارەتچىلىك سەتچىلىكى بىلەن ئابرويى تۆكۈلگەن ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆزىنىڭ بىلوگ ھېسابات نومۇرىدا بىر بۆلەك غەلىتە ،مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، باغلاشمايدىغان ئىنگىلىزچە ھەربنى ئېلان قىلدى .
قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلگىلى بولماي قالدى ،كىشىلەر ھەر خىل پەرەزدە بولدى .
بىراق ھازىر ھەقىقىي ئەھۋال ئېنىقلاندى ،ئۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى ئىكەن .
بۇ بىر قاتار قالايمىقان ھەربنى يېشىش پەقەت خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھاننىڭ بىرىنچى سوئالى ئىكەن .
بۇ غەلىتە بىلوگ ئۇچۇرى يۈز نەچچە ئىنگىلىزچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن ، بۇ ھەرپلەر قالايمىقان ھەم تەرتىپسىز قارىماققا ھېچكىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىدۇ.ھەقىقى بىر مەنانى بىلدۈرىدىغان تاق سۆزلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ .
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يەنە بۇ قالايمىقان ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدا دۈشەنبە كۈنىدىكى ۋەزىپە ،دۆلەت بىخەتەرلىكى خەۋەر دېگەن ئۈچ سۆز بار دەپ ئەسكەرتىش بەردى.
بۇ بىلوگ ئېلان قىلىنغان ھېسابات نومۇرىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە خىزمەتچى قۇبۇل قىلىدۇ دېگەن خەت يېزىلدى . ئۇ بىلوگ شۇئان تور ئەھلىنى قىزىقتۇردى .بەزىلەر شىفىر يېشىش يۇمشاق ماتېرىيالى بىلەن بۇنى يەشتى .
بۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئىشلەش ئۈچۈن قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بۇلۇش كېرەكلىكىنى بىلگىڭىز بارمۇ ،ماي ئېيىنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى كېلىپ دۆلىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانداق كەسپى ماھارەتكە ئىگە بۇلۇش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە بۇ قالايمىقان ھەرپ پەقەت ئەڭ ئاساسلىق ئورۇنغا قۇيۇلغان شىفىر ئىكەن .
پەقەت ئۇچۇق تېكىستكە ھەر بىر ھەرىپنى مەخپى تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك ھەرپنى ئالماشتۇرۇپ قويسىلا شىفىرنى يەشكىلى بولىدىكەن .
ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ twitter نىڭ دەل ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئېلانى ئىكەنلىكى ،مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شىفىر يېشىش جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى تېپىشنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،ئۇلار ھەر ھەپتىدە مۇشنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىفىرلىق twitter نى ئېلان قىلىدىكەن .
ئۇنىڭ ئۈستىگە سوئال بارغانسېرى تەسلىشىپ بارىدىكەن . بەزى تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە نامى تارالغان ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئوخشىمايدىغىنى نازارەتچىلىك سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن .بىراق ھازىر دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى پەردە ئارقىسىدىن سەھنىنىڭ ئالدىغا چىقتى ، ھەرىكىتى تېخىمۇ ئاشكارە بولدى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە نازارەتچىلىك سەتچىلىكى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ نامىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى ، يېڭى خادىملارنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارمۇ ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللاندى . ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگىمۇ ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved