ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 19-سىنتەبىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقتىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن ئەسەت ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇھنى مەشق قىلدۇرۇش پىلانىنى باشلايدۇ. ئۇ، مەشق قىلدۇرۇشقا بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى سۈرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشىدا، 1-دىن ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى قوغدىشى. 2-، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشى. 3-، ئەسەت ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مەقستى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئارمىيە تەرەپ ھوقۇق ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشتى. مەشق قىلدۇرۇش يېقىندا باشلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved