رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 19- سېنتەبر كېرمىل سارىيى ئاخبارات ئىدارىسى تارقاتقان ئۇچۇرلاردا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ بېلوروسىيە چېگرىسى ئىچىگە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنى مىنىسكى تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بۇيرىغانلىقى ئېيتىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بۇيرۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە-بېلورۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بېلورۇسىيە چېگرىسى ئىچىدە رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدىكىتەكلىپىنى قوبۇل قىلىڭلار.
پۇتىن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنى مىنىسكى تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيەگە ۋاكالىتەن بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا بۇيرىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved