مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ كىرىستىيان رونالدونى قايتۇرۇپ كېلىش خەۋىرىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئانىسى دولىروسمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئوغلى كېلەر يىلى يازدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلسا، ئۇ ھالدا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ شۇ يەردە توپ تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانىت گېرمان كۇلۇبىنىڭمۇ كىرىستىيان رونالدونى قوشۇۋېلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇلار ئاللىبۇرۇن كىرىستىيان رونالدوغا 250 فوندستېرلىڭ ھەپتىلىك مائاش بېكىتكەن توختامنى تەييارلاپ بولغان بولۇپ، ئۇلار كىرىستىيان رونالدودىن ئىبارەت بۇ چولپاننى ئىبىرايىموۋىچنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كوماندىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولغان.
ئەمما رونالدونىڭ ئانىسى دولىروسنىڭ قارىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ توپ تېپىش بولسا، رونالدو ۋە ئۇنىڭ بەش ياشلىق ئوغلى ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر تالاش ئىكەن. يېقىندىن بۇيان پارىژدا ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
مانچېستېر بىرلەشمىسى ئىزچىل رونالدونى كونا تىرانفوردقا قايتۇرۇپ كېلىش ئويىدا بولۇۋاتقان بولۇپ، رونالدومۇ يېقىندىن بۇيان زىيارەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتكەن ھەم ھازىر بىرنابودا ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved