يېڭى يىل كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، دۇنيا خەۋپسىزلىك ساھەسىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نۇرغۇن ئىش يۈز بەردى، جۈملىدىن تېررورچىلار ‹‹چارلې ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تەھرىراتىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما چاۋشيەنگە يېڭىدىن جازا قوللىنىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى؛ ياۋروپا ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى چۆرىدەپ توقۇنۇشتى، ۋەھاكازالار.
ئۇنداقتا، 2015 – يىلى دۇنيا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى زادى قانداق بولىدۇ؟
كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۇنيا خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولىدۇ. لېكىن، ئىلگىرى قېپقالغان بەزى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى داۋاملىق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلارغا يېقىندىن دىققەت قىلغىنىمىز تۈزۈك.
تۆت چوڭ يۈزلىنىشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ
ياپونىيەنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى يەنىلا گۇمانلىق، ئاسىيا ئەللىرى بىخۇدلۇق قىلماسلىقى كېرەك.
2015 – يىلى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 5 – يانۋار مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبىتىدە، ‹‹مۇراياما سۆھبىتى›› قاتارلىق ئىلگىرىكى كابىنېتتىكىلەرنىڭ تارىخنى تونۇش توغرىسىدىكى قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز ئۈستىدە ئويلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مۇھاكىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئابې شىنزۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەندەك قىلىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭ گېپىگە ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىگە قارىشىمىز كېرەك. ئابې شىنزو ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغاندىن بۇيان، سىياسىي مەيدانى روشەن ھالدا ئوڭچىلىققا ئاغقاندىن سىرت، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئادالەت پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىۋالدى، بۇ ئابې شىنزونىڭ بۇ يىل ياپونىيە تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئابې شىنزونىڭ بۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئېشىپلا قالسا، ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق يولىدىن چەتنەپ كېتىشى مۇمكىن.
تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپىيىشى مۇمكىن، خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك
يېقىندىن بۇيان، تېررورچىلار فىرانسىيەدە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا رايونلاردىمۇ قىرغىنچىلىق قىلىپ، كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالدى. غەربىي ئافرىقىدا نېگىرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹مۇقەددەس جاي بوكو›› قوراللىقلىرى كامېروندا ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى 11 يولۇچىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئىراقتا ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› قوراللىقلىرى 28 كۇردنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىكىلەرگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ سىگنالىنى قايتا چالدى. 2015 – يىلى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشىدىن ئۈمىد بار. پاكىستان مىللىي پارلامېنتى 6 – يانۋار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ھەربىي سوت قۇرۇپ، تېررورلۇققا چېتىشلىق دېلولارغا قاراپ چىقىشقا رۇخسەت قىلدى؛ ئامېرىكا 9 – يانۋار ئامېرىكىلىقلارنى دۇنيا مىقياسىدا ئۆزى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى؛ فىرانسىيە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكتە.
تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، يەنى مىللىي توقۇنۇش، دىنىي تالاش – تارتىش، سىياسىي ئىختىلاپ، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش، شۇنداقلا تېررورلۇقنى بىۋاسىتە پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى پەسىيىشى مۇمكىن، ئەمما غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ زىددىيەتنى تۈگىتىش تەس.
2015 – يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئۇكرائىنا باشلىقلىرى 15 – يانۋار قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا سۆھبەتلىشىپ، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بېكىتتى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش نۇرغۇن تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، چۈنكى بۇ كىرىزىس ئۇكرائىناغا ئېغىر خىرىس بولۇپلا قالماي، يەنە غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيەگىمۇ زور ئىقتىسادىي زىيان سالىدۇ ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتە خىرىس پەيدا قىلىدۇ. ئەمما، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى رۇسىيەنىڭكىگە ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تىركىشىشنى پۈتۈنلەي توختىتىشى تەسكە توختايدۇ.
يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەس بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئۈمىد بار.
ئىران يادرو مەسىلىسى خەلقئارادا يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسىلە ھەل بولسا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇش پىلتىسى يوقايدۇ. ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيە) 18 – يانۋار ئىران بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك لايىھەسى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى.
2014 – يىلىدىكى سۆھبەتنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ مەلۇم ئېھتىماللىقى باردەك قىلىدۇ. ئەمما، بۇ نىشاننىڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئېشىش – ئاشماسلىقى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىغا، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش – قىلالماسلىقىغا باغلىق.
بۇ يىل يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يەنىلا تەس. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2 – يانۋار چاۋشيەننىڭ ‹‹كۆپ قېتىم ئىغۋارگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتى››گە قارىتا، چاۋشيەنگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. بۇنىڭدىن ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ دۈشمەنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مانا بۇ دەل چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەس بولۇشىدىكى تۈگۈن. ھالبۇكى، مەسىلىنى ھەل قىلىش مەيلى قانچىلىك تەس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تىرىشچانلىقنى ھەرگىز توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ
خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، گەرچە ھازىر خەلقئارادا نۇرغۇن قىزىق نۇقتا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹كىچىك›› مەسىلىلەر. دۇنيا ئەندىزىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشى يەنىلا ياخشى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، گەرچە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش، توقۇنۇشلار بولسىمۇ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتىمۇ كىچىك. 2014 – يىلىدىن بۇيان، ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يىرىكلىشىپ كەتتى، ئەمما، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بەك كەسكىنلىشىپ كەتمەيدۇ.
ئىككىنچى، ئامېرىكىنىڭ قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش پەيدا قىلىش مۇددىئاسى يوق، ئىقتىدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىشىپ كەتتى. گەرچە ئامېرىكا يەنىلا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ھېسابلانسىمۇ، ئۇنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى ئاجىزلاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشى قوزغاپ، غايەت زور زىيان تارتقاچقا، يەنە ئۇرۇشقا بىۋاسىتە ئارىلىشىپ قېلىشنى ئىلگىرىكىدەك خالىمايدۇ.
ئۈچىنچى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ئۆزگەرمەس دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. خەلقئارا ھەمكارلىق، رايون ھەمكارلىقى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلماقتا، ئىقتىسادنىڭ بىرگەۋدىلىشىشى، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ھەر قايسى قاتلاملاردا تېز ئىلگىرىلىمەكتە. دەۋرنىڭ بۇ زور ئېقىمىدا، ھەر قانداق قۇتراتقۇلۇق، تىركىشىش، توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان تەشەببۇسلار ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى ئېنىق.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved