ئىسرائىلىيە تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنىستىتۇتى 2-نويابىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېت مەركىزىي كۇتۇپخانىسىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ ، ئىسرائىلىيە ئالىي مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى .
بۇ قېتىملىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش كۆرگەزمىسى ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، خەتتاتلىق ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ،
چاي مەدەنىيىتى ، مېزىلىك تائاملار ، قەدىمىي يادىكارلىقلار ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلىملىرىدىن كىچىك سىناق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
بۇ كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ چەت ئەللەردە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ كۇڭزى ئىنىستىتۇتى كۈنى ›› يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved