بۈگۈن چۈشتىن كېيىن «شىنجىڭ ئاخباراتى» ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدا ناخشىچى ماۋنىڭنىڭ زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تېڭشۈن تاماشاسى ناخشىچى ماۋنىڭنىڭ زەھەر چېكىپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىق ۋەقەسىدە ئۈچىنچى تەرەپ ئاۋدوكات لۇچاۋنى زىيارەت قىلدى. ئاۋدوكات لۇچاۋ مۇنداق دېدى، زەھەر چېكىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە زەھەر چېكىش، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇش جازاسى ھەمدە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەھۋالى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
47 ياشلىق ماۋنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدىن. 1992-يىلى ماۋنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسىنى چىقىرىش ئارقىلىق رەسمىي قەدەمدە سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. شۇ يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ناخشىچى شەرىپىگە ئېرىشكەن. 1994-يىلى، ماۋنىڭ ھەمراھى ياڭ يۈيىڭ بىلەن گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ھەمدە شۇ يىلى «مەملىكەتتىكى ئون مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلى ماۋنىڭنىڭ سەنئەت ھاياتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ بىر مەزگىل يوقاپ كەتكەن. 2014-يىلى ماۋنىڭ ياڭ يۈيىڭنىڭ ناخشا كېچىلىكىدە پەيدا بولغان ھەمدە بىللە ناخشا ئېيتقان. بۇ يىل 9-ئايدا «جۇڭگو ئىجادىي مۇزىكىلارغا سالام يوللاش مۇراسىمى» دا «تۆھپە قوشقان ناخشىچى» نامىغا ئېرىشكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved