ئاسىيادىكى تۇنجى ئېبولا يۇقۇمى ھىندىستاندا پەيدا بولدى

ئاسىيادىكى تۇنجى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ھىندىستاندا پەيدا بولدى، «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان سەھىيە تارماقلىرى 18-نويابىر لىبېرىيەدە ئىشلىگەن 26 ياشلىق بىر ھىندىستانلىق ئەر دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، بەدىنىدىن ئېبولا ۋىرۇسى تەكشۈرۈپ چىقىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. گەرچە بۇ ئاسىيادا پەيدا بولغان تۇنجى ئېبولا كېسىلى بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى دېشىن 19-نويابىر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا، ئېلىمىزنىڭ ئېبولا يۇقۇمىدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش خىزمىتى تەدبىرلىرى چىڭ بولماقتا، بۇ ئىشنىڭ تەسىرىگە قىلچە ئۇچرىمايدۇ دېدى.


خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئەر 10-نويابىر لىبېرىيەدىن يېڭى دېھلىغا قايتقان، ئايرودۇرۇمدا مەجبۇرىي تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بەدىنىدىن ئېبولا ۋىرۇسى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. بۇ ئەر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، 11-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە، ئۆزىنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتىدە قىزىتما خاراكتېرلىك كېسەل بىلەن داۋالانغانلىقى ھەم لىبېرىيە سەھىيە تارمىقى تارقاتقان «ئېبولا ۋىرۇسى كىلىنىكىلىق ئالامىتى يوق» دېگەن ئىسپاتنى ئالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. نۆۋەتتە، بۇ ئەر يەنىلا ھىندىستان سەھىيە تارمىقى تەرىپىدىن ئايرودۇرۇمدىكى كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزىدە ئايرىپ تۇرۇلماقتا.


ھىندىستان سەھىيە تارمىقى گەرچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بۇ ئەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرگەندە ئېبولا ۋىرۇسى مەنپىي چىققان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتچىلەر يەنىلا ئۇنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىن ئېبولا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقتى دېدى. ھىندىستان سەھىيە تارمىقى بۇ ئەرنى 90 كۈن ئايرىپ كۆزەتمەكچى بولدى، لېكىن ھازىرچە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلمىدى.


خەلقئارا جەمئىيەت ھىندىستاندا تۇنجى ئېبولا كېسىلى پەيدا بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن بۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رېيتېر ئاگېنتلىقى 18-نويابىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، ھىندىستان سەھىيە تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى يۈرۈشتۈرۈشى زىيادە ئېغىر، يېزىلاردىكى ئاممىنى ئاساسىي سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىش بىر مەسىلىگە ئايلانغان دېدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى پېتىر 18-نويابىر «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»گە، نۆۋەتتە غەربىي ئافرىقىدا 45 مىڭ ھىندىستانلىق بار، شۇڭا يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز دېدى.


ئاسىيادا تۇنجى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ پەيدا بولغانلىقى-جۇڭگونىڭ ئېبولا ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدە، جۇڭگو كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى دېشىن 19-نويابىر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»گە، بۇنىڭ ئېلىمىز بىلەن بىرئازمۇ مۇناسىۋىتى يوق، بۇ ئەر ھىندىستاندا ئەمەس، بەلكى ئافرىقىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەقەت ئاسىيادا پەيدا بولغان تۇنجى ئېبولا كېسىلى دېدى.



خەتكۈچلەر:
24-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek