بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .باش شۇجى مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركەز مالىيە ئىقتىساد ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ ،6-ئاينىڭ 13-كۈنى مەركەز مالىيە ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ ،ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئىستىراتىگىيسىنى تەتقىق قىلدى .
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى :‹ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك مەسىلە .دۆلەتنىڭ گۈللىمە تەرەققىي قىلىشى ،خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشلىنىشى ،جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ،تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىكى مۇھىم ئۆزگىرىش خەلقئارا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشنىڭ ئۇلىدا ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا چوقۇم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۈرگۈزۈش ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .
ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيە بۇلۇپ ھازىردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە قىيىن تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇش كېرەك .ج ك پ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى دۆلەت زۇڭلىسى لى كېچىياڭ ،ج ك پ مەركىزى كومىتېت سىياسىي مەركىزىنىڭ ئەزاسى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، مەركەز مالىيە ئىقتىساد يىغىنىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى . يىغىندا دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيسىنىڭ دوكلات يىغىنى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى .
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ئىستىمال دۆلىتىگە ئايلىنىپ ، تۆمۈر ئېلېكتىر كۈچى ۋە نېفىت تەبئىي گاز يېڭى ئېنېرگىيە ،ئومۇميۈزلۈك راۋاجلانغان ئېنېرگىيە تەمىنلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى .تېخنىكىلىق جابدۇقلىنىش سەۋىيىمىز كۆرىنەرلىك ئاشتى .ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشتا ،ئېنىرگىيەدە زور ئۇتۇقلار قولغا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئېنېرگىيە ئېھتىياجىدا كەمچىللىك زور ،ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالنىڭ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتقا بولغان زىيىنى ئېغىر ،ئېنېرگىيە تېجەش سەۋىيسى ئومۇمىي جەھەتتىن قالاق بۇلۇش قاتارلىق كۆپ ساندىكى مەسىلىلەردە بىز چوقۇم ،دۆلەت ئىستىراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئېنېرگىيە يېڭى رايونىنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك ›.
شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال ئىنقىلابنى تېزلىتىشكە قارىتا بەش نۇقتىنى تەلەپ قىلدى . بىرىنچى :ئېنېرگىيە ئىستىمال ئىنقىلابىدا مۇۋاپىق بولمىغان ئېنېرگىيە ئىستىمالىنى چەكلەش كېرەك . ئېنېرگىيە ئىستىمال ئومۇمىي مىقدارىنى تېزگىنلەش ،ئېنېرگىيە تېجەشتىكى ئەۋزەل ئۈنۈملۈك فاڭجىنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،ئېنېرگىيە تەڭشەشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا ۋە ھەر ساھەگە سىڭدۈرۈپ ،كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ،شەھەرلەشتۈرۈش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ جاپاغا چىداپ ئېنېرگىيە تەڭشەش ۋە ئىستىمال قارشىنى تۇرغۇزۇپ ،ئېنېرگىيە تېجەيدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك .
ئىككىنچى :ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىنقىلابنى تېزلىتىپ ،ئېنېرگىيە تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك .دۆلەت ئىچىدە كۆپ خىل تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ تۆمۈردىن پاكىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىپ ،تۆمۈرسىز ئېنىرگىيىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،تۆمۈر كۆمۈر نېفىت گاز يادرو يېڭى ئېنېرگىيە ،قاتارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
ئۈچىنچى ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابنى قوزغىتىپ ،سۈپەتنى ئۆستۈرۈش لازىم ،دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ،خەلقئارالىق ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ ،يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلىپ ،تېخنىكىدا كەسىپتە مول ئەندىزە يارىتىشنى تېزلىتىپ ،باشقا ساھەلەردىكى يېڭى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ھەمدە ئالاقىدار بىرلەشمە تېخنىكا بىلەن ئېلىمىزنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيىسىگە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك .
تۆتىنچى ،ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىنقىلابنى تېزلىتىپ ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرەتتە يولغا قۇيۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .ئىنقىلابنى تېزلىتىشتە قەتئىي بوشاشماي ،ئېنېرگىينىڭ تاۋارلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىدىغان بازار قۇرۇلمىسى ۋە بازار تېخنىكىسى بەرپا قىلىپ ،بازاردا ئېنېرگىيە باھاسىنى بېكىتىدىغان شارائىتنى يارىتىش كېرەك .
بەشىنچى ،خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ،ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك . دۆلەت ئىچى ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرتىدە ،ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال ئىنقىلابىغا چېتىلىدىغان ھەر قانداق جەھەتتە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ،خەلقئارا بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك .
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹2030-يىلىغىچە بولغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنقىلاپ ئىستىراتىگىيسىنى تۈزۈپ ،13-بەش يىللىق پىلاننى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك . بىر تۈركۈم ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچنى تۈزىتىشتە تەرەققىياتقا ماس كەلمىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە تېزلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ،قەرەللىك ئۆزگەرتىش ۋە ھەقىقىي ئىجرا قىلىش كېرەك . ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنى سىرىتقا يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان ،ئون مىڭ كىلوۋات دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش ،ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپىسى بازىسىنىڭ شەرتىنى ئۆستۈرۈپ ،ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ھازىرقى ئىشلىتىلىۋاتقان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى چەكلىك مۇددەتتە ئۆزگەرتىش لازىم .
خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى قوللىنىپ ،بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ،شەرقىي قىسم دېڭىز بويى رايونلىرىدا يېڭى يادرو ئېنېرگىيە تۈر قۇرلىشىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قۇيۇشى كېرەك . بىر بەلۋاغ بىر يولدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرا شەرق ،ئامېرىكا اقىتئەسى ئافرىقا قىتئەسى قاتارلىق رايونلار بىلەن نېفىت تەبئىي گاز ھەمكارلىقى سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved