بەيدۇ ئامېرىكىدا شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سىناق قىلىدۇ

ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 17-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:

بەيدۇ تور تېخنىكا شىركىتى ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىدا شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سىناق قىلىدۇ، بۇ بەيدۇ شىركىتىنىڭ 2018-يىلدىن ئىلگىرى سودا خاراكتېرىدىكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل چىقىرىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىرى.

بەيدۇنىڭ باش ئالىمى ۋۇ ئېندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى. بۇ بەيدۇنىڭ مۇھىم بىر قەدەم بېسىشى، بەيدۇ شىركىتى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل جەھەتتە رىقابەتچىلىرىدىن ئېشىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ ھەمدە ئامېرىكا كىرىمنېي جىلغىسىدىكى تېخنىكا مەركىزىنىڭ بايلىقىنى ئىشقا سېلىپ بۇ تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەيدۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشقا مۇراجىئەت قىلدى، بۇنى شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يولغا چىقىشىدىكى زۆرۈر شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر پىلاننىڭ يادروسى ۋۇ ئېندا، ئۇ سۈنئىي ئەقىل ئالىمى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. Alphabetقارمىقىدىكى گۇگول شىركىتىدە ئىجادىي تەتقىقاتقا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇمۇ توردا ئۆگىنىش شىركىتىCoursera Incنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى.

15-مارت ئامېرىكا كېڭەش پالاتا سودا كومىتېتى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل دۇچ كەلگەن باشقۇرۇش توسقۇنلۇقى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، ۋۇ ئېندا ئىسپات سۆزى ئېلان قىلدى، ئۇ ھۆكۈمەتتىن ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى قوبۇل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئون دۆلەت: روسىيە، كانادا، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە برازىلىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئارگىنتىنا، قازاقىستان ۋە سۇداندىن ئىبارەت. 1. روسىيە: روسىيىنىڭ يەر مەيدانى 17 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولسىمۇ،...
07-05-2016
   5-ئاينىڭ 6-كۈنى، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ توپچىسى نەنشياۋخېڭ بىلەن ئابدۇلئەزىزنى جازالاش قارارىنى ئېلان قىلدى. نەنشياۋخېڭغا 4 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەپ 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەش جازاسى...
07-05-2016
    ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي جاكارلىشىچە، سىنگاپور بىلەن ئاۋسترالىيە بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، سىنگاپور كەلگۈسى 25 يىلدا ئاۋسترالىيەگە 2 مىليارد 250 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى مەبلىغى بىلەن تەمى...
07-05-2016
     مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي ئېنىقلىشىچە، ئىچكى كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 5-مايدىكى تىك ئۇچار يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.     مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار 6-ماي ...
06-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىققا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما سىياسىتى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ بۇغداي، بېدە، ك...
06-05-2016
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
06-05-2016
    بۇلتۇر نويابىردىن بۇ يىل 21-ئاپرېلغىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، خېنەن قاتارلىق نۇقتىلىق جايلاردا ساختا تاماكا ياساش ۋە تاماكا ئەتكەس قىلىشقا زەربە بېرىپ، 21 مىڭ 6...
06-05-2016
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي     تۈنۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئاشۇ چاغنى ئەسلەپ، خىياللارغا غەرق بولدۇم، شۇنداق قىلىپ ئىمتىھاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇغۇچىغا ...
06-05-2016
    ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 1:05 ئۆتكەندە، 2016-2015-مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا لىۋېرپول كوماندىسى 0-3 نەتىجە بىلەن 10 كىشىلىك ...
06-05-2016
    2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
Powered by Leglek