زىدانى: رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن باشقا جايغا بارمايدۇ

     زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا زىدانىنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم ئۈزۈلمىدى، يىغىندا زىدانى خانلىق مادرىد مەستانلىرىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىن تەكىتلىدى.

   زىدانى ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇل بولغىنىغا قارىتا: «شۇ ۋاقىتتا مەن كاستىنىيەنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان، كېيىن ھەممە ئىشلار ئۆزگەردى، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال، كوماندا ئەزالىرىمۇ خۇشال».

كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە قارىتا زىدانى مۇنۇلارنى دەپ ئۆتتى.

      «لاكرۇنىيە كوماندىسىنىڭ يان يولدىن قىلغان ھۇجۇملىرى ئىنتايىن خەتەرلىك، لېكىن بىز ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزىمىزنىڭ پۇتبول مەيدانىدا نېمە ئىش قىلىشىمىزغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، توپ كونترول قىلىش ھوقۇقى بىزدە بولمىغان ئەھۋاك ئاستىدا بارلىق پۇتبولچىلار چوقۇم مۇداپىئەگە قاتنىشىشى كېرەك، ئەڭ قالتىس مۇداپىئە ئۇسۇلى بولسا توپنى كونترول قىلىش».

     بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بېنزىما. بىل، رونالدو قاتارلىقلار ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدىغان بولۇپ، باشقا ئورۇندىكى پۇتبولچىلار كوماندىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدىكەن. خامىس، ئېسكو قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ بېنتېز مەشقاۋۇل بولغان ۋاقىتتىكى مەيدانغا چىقىش ۋاقتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، زىدانى بۇ ھەقتە: «كوماندىدىكى ھەممە ئەزانىڭ مەيدانغا تولۇق چىقىپ كېتەلىشى ناتايىن، مەنمۇ پۇتبولچى مەزگىللىرىمدە مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققان. بىراق بىز كوماندىدىكى ھەربىر ئەزاغا چوقۇم چىن كۆڭلىمىزدىن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك».

      قىشلىق يۆتكىلىشكە نىسبەتەن زىدانى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ھازىرقى سەپ شەكىلىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭمۇ كوماندىدىن ئايرىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زىدانى: «خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بۈگۈن كەچ مەن چوقۇم خاتىرجەم ئۇخلايمەن. جۈمە كۈندىكى مەشىق دەرسى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىراق ھەممە ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، مەن چوقۇم ھەركۈنى ھەممە كوماندا ئەزالىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمەن» دېدى.

    خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كۈن تەرتىپىگە نىسبەتەن زىدانى: «مەن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ خۇشال بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ بىز ئوينىغان ھەر بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەشىق دەرسىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، بىز پۈتۈن دىققىتىمىزنىڭ لاكرۇنىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قارىتىمىز» دېدى.

    رونالدو توغرىلىق زىدانى: «بىز رونالدونىڭ خۇشال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ گەپ قىلىشىم ھاجەتسىز، ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بار. مەن خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بولاي ياكى بولماي رونالدو خانلىق مادرىدنىڭ سېتىلماس مېلى ھەم بۇ كوماندىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى، مادرىد روھىنىڭ سىمۋولى، ئۇ ھېچقانداق كۇلۇبقا بارمايدۇ» دېدى.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
26-05-2016
     ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالدى، ئارگېنتىنالىق چولپان مېسسى زىيارەت ۋاقتىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسى چ...
26-05-2016
     «تەنتەربىيە سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دورتموند مەشقاۋۇلى تۇھېل بۇ يازدا بۆرە قەلئەسىدىكى گېرمانىيەلىك توپچى شۈرلېنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن. شۈرلې 2015-يىلى 1-ئايدا 32 مىليون ياۋرو باھا بىلەن چېلسىدىن ئايرىلىپ ...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       2016-يىلى 23-ماي ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سېۋىللا ماھىرلىرى كوماندىنىڭ تەبرىكلەش ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ (Puerta Jerez) رايونىدىكى فونتان مەيدانىدا پۈتۈن شەھەر بوي...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      لېيچىستېر شەھىرى كوماندىسى مۆجىزە يارىتىپ ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بىرلەشمىدىكى داڭلىق زەردار كۇلۇبلار ئۇنىڭغا كۆز ت...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   ئەنگلىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋانگالنى مەشقاۋۇللۇقتىن بوشاتقاندىن كېيىن، مەشقاۋۇل مورىنھو ۋە ئۇنىڭ ۋاسىتىچىسى مېندېز بىلەن كۆر...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» خەۋىرى، پارىژ سانت گېرمان رونالدونى كوماندىغا يۆتكەپ كېلىپ ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىزباسارى قىلىش ئۈچۈن، رونالدوغا ئەسەبىيلەرچە با...
24-05-2016
  فىرانسىيە پارىژ شەھىرىدىكى قىستۇرما رەسىم ئۇستىسى يان
24-05-2016
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     مادرىد ئاتلېتىكا كۈچلۈك ئۇسلۇبىغا تايىنىپ بارسېلونا ۋە مادرىد بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۈچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرۇش ھالىتى پەيدا قىلدى، بۇ كوماندىنىڭ ئۆسمۈر قىزلار كوماندىس...
Powered by Leglek