دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش داۋام قىلماقتا

نېپالدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى رېكازې شەھىرىنىڭ جىلوڭ ناھىيەسى ۋە نېلامۇ ناھىيەسى بىر قەدەر ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى، 27-ئاپرېل چۈشكىچە 20 كىشى قازا قىلدى، يوللار كەڭ كۆلەمدە بۇزۇلۇپ كەتتى، نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار مىنىستىرلىق كومىتېتلار دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى جىددىي يولغا قويدى، شىزاڭدىكى يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا جىددىي تەشكىللىدى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش، داۋالاش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارمۇ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا دەرھال يىغىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزدى.
دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە يۈز بەرگەن بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار دۇچ كەلگەن خىرىسقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان يانتۇلۇق سىيرىلىش، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن قاتناش ئۈزۈلۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغ يولى خەتەرلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، مەشغۇلات قىلىش دائىرىسى تار بولغاچقا، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قىيىنچىلىقى ناھايىتى چوڭ، بۇ خەتەردىن قۇتقۇزغۇچىلار ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا كىرىشىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېغىر كېسەللەر، يارىدارلارنى يۆتكەشكىمۇ تەسىر يەتكۈزدى. ھازىرقى مۇھىم ئىش تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، قالدۇق يەر تەۋرەش قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش.
كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئامما ئۈمىد ئىچىدە بىر-بىرىگە ياردەم قىلماقتا، قۇتقۇزغۇچىلار خەتەرگە قارىماستىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزماقتا، ئاممىنى تارقاقلاشتۇرماقتا، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرماقتا؛ باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ساخاۋەت يوللىرى ئارقىلىق ئىئانە توپلاپ تىلىكىنى بىلدۈرمەكتە، مېھرىبانلىققا تولغان غەمخورلۇق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا يەتكۈزۈلمەكتە، ھەرقايسى تەرەپلەردىن مۇجەسسەملەنگەن ئىجابىي كۈچ كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە، شۇنداقلا كىشىلەرگە دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش كۆرۈشىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ئاتا قىلماقتا.



خەتكۈچلەر:
27-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek