بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئامېرىكا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 4-مايدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلاپ ،ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق مەخپى ئارخىپىدا ،مەخپى نامى ئوتتۇرا غەربىي ئامبار دېيىلىدىغان بىر جاي بار بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپى قورال ياراغ ئامبىرى ئىكەنلىكى دەلىللەندى دېگەن .
تەھلىل قىلىنىشچە ، بۇ سىرلىق قورال ياراغ ئامبىرى تېكساس شتاتىدىكى سان ئانتونىئونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان .
يەرلىك كىشىلەر سىتاندى لاگېرى دەپ ئاتايدۇ ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ،مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بۇ مەخپى قورال -ياراغ ئامبىرىدىكى قوراللارنى ئىزچىل سىرىتقا توشۇپ ،باشقا دۆلەت قوراللىقلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرشىغا ياردەم بېرىپ كەلگەن .
قارىماققا سىتاندى لاگېرىنىڭ ئالاھىدە يېرىنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ .ئەتراپتىكى كىچىك بازارنىڭ باشلىقى بىلەن، شەھەرنىڭ سابىق باشلىقى بۇ يەر بىلەن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئەگەر 2011-يىلىدىكى بىر دېلو يۈز بەرمىگەن بولسا ، بۇ مەخپى قورال -ياراغ ئامبىرى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان بولاتتى.
ئەينى يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى كىۋىن شىپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئەسكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا شىپ ئاچچىقىدا باشلىقنى سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى.مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى شۇنىڭدىن كېيىن ،سىتاندى لاگېرى ئىشىغا چېتىلىپ قالدى .
شىپنىڭ ئوغلى باشقىلارغا كۆرسەتكىلى بولمايدىغان قورال -ياراغلانىڭ مۇشۇ جايدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلارغا تۇشۇلدىغانلىقىنى ، بۇ جايدا ھەتتا خىمىيىلىك قوراللارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن . بۇ دېلو مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ياللانما خىزمەتچىسى ئېلو توماس ۋە دەۋىر ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويدى .
ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلا رئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپى نامى ئوتتۇرا غەربىي ئامبار بولغان مەخپى قورال ياراغ ئامبىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي بولماستىن بەلكى ، سىتاندى لاگېردا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئوتتۇرا غەربكە جايلاشقان سىتاندى لاگىرىدىكى بۇ قورال ياراغ ئامبىرى ئاز دېگەندىمۇ 1961-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ، ھەتتا 2010-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن .ناۋادا 1949-يىلى قۇرۇلغان سىتاندى لاگېرى دەل ئوتتۇرا غەربىي ئامبار بولسا ، ئۇنداقتا بۇ دەل ئەينى دەۋىردىكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قورال -ياراغلارنى شەرقىي ياۋروپاغا توشۇپ ،سىۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇردىخان كۈچلەرنى قوللىغان لاگېر بولىشى مۇمكىن .
بەزى ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئىلگىرى بۇ جايدا ،كوچىلوس قولتۇقى ۋەقەسى ئۈچۈن ئوق -دورىلارنى ساقلىغان ھەم تەمىنلىگەن . كوچىلوس قولتۇقى ۋەقەسى 1962-يىلى 4-ئايدا ،مەركىزى ئاخبارات ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە ،ئامېرىكىغا قاچقان كۇبالىقلار ،كۇبانىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كوچىنوس قولتۇقىدا كاستىرو رەھبەرلىكىدىكى كۇبا رەھبەرلىكىگە قارشى قىلغان ،بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنە بىر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكا شۇ يىلى ئافغانىستاندىكى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ سىۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا ئىشلەتكەن قورال ياراغلارمۇ مۇشۇ جايدىن يۆتكەلگەن ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved