باغدادنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررى 11- ئاۋغۇست «سىياسىي سەھنىدە قاتمۇ - قات مۇھاسىردە قالغان» ئىراقنىڭ زۇڭلىسى مالىكىي توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز زۇڭلى مالىكىينىڭ سۈزۈك سۇنى دۇغلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىشىنى، قالايمىقان ئىش قىلماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. شۇ كۈنى سائەت 0:00 دە مالىكىي تۇيۇقسىز تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ مەسۇمنىڭ ئۇنى يېڭى زۇڭلى قىلىپ تەيىنلىمىگەنلىكىنى «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ» دېدى ھەمدە ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ئالاھىدە قىسىمىنى يېشىل رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغدادنىڭ ھەرقايسى سەزگۈر رايونلىرىنى ئىشغال قىلىشقا بۇيرىدى، بۇنىڭ بىلەن غەرب ئەللىرى «باغدادتا سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى» دىن ھەيران بولدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقتىكى رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلارنى بومباردىمان قىلىۋاتقاندا، ئوباما بىلەن مالىكىينىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يىرىكلىشىپ قالدى. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەتتا ئوباما رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلارنى قەستەن ھايات قالدۇرماقچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلدى. بۇنداق قىلغاندا كونترول قىلىش تەس بولغان مالىكىينى چۈشەپ قويغىلى بولاتتى. 


ئوبامانىڭ بېشىغىمۇ كۈن چۈشتى. چۈنكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى 10- ئاۋغۇست ئوباما قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن رادىكال قوراللىق كۈچلەرنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى، بۇنىڭدىن باشقا، ھەتتا سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارىمۇ قىلچە تۈزۈت قىلماستىن ئوبامانى: «سۇرىيە ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئوبدان پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن رادىكال قوراللىق كۈچلەر باش كۆتۈردى» دەپ ئەيىبلىدى.


ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكىلەر 11- ئاۋغۇست ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جاڭجاللىشىۋاتقاندا، ئىراق زۇڭتۇڭى مەسۇم يېڭى زۇڭلىلىققا ھەيدەر ئابادىنى تەيىنلىدى. ئەمدىكى مەسىلە، مالىكىي ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتتىن ئايرىلىشنى خالامدۇ - يوق؟


ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسسى 11- ئاۋغۇست يېرىم كېچىدە زۇڭلى مالىكىينىڭ نۇتقىنى كۆرسەتتى. مالىكىينىڭ ئېيتىشىچە، 24- ئىيۇل كۇرد مىللىتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەسۇم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە پارلامېنتتىكى كۆپ قىسىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئىتتىپاقنىڭ رەھبىرى، يەنى، مالىكىينى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى، دەپ جاكارلىشى كېرەك ئىكەن. بىراق مەسۇم تا ھازىرغىچە بۇنداق قىلمىغان ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان. مالىكىي مۇنداق دېگەن: «فېدېراتسىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان بۇ دۆلەتتە بۇ پوزىتسىيە ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي تەرەققىيات قاتلىمىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. زۇڭتۇڭنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىشى ئىراقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. سىياسىي تەرەققىياتنى يار لىۋىگە سۆرەپ بارىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەن بۈگۈن قوشما ئىشتات سوت مەھكىمىسىگە زۇڭتۇڭنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنىمەن».
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 64 ياشلىق مالىكىي ئىككى نۆۋەت زۇڭلى بولدى. ئۇ 2011- يىلى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 3- قېتىم زۇڭلى بولۇشنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بىراق ئۇ ئەمدى بۇ نىيىتىدىن يانغاندەك قىلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى (ئامېرىكا، ئىران، شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرى، ھەتتا ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان داۋا پارتىيەسى) مۇ ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق زۇڭلى بولۇشىنى خالىمايدۇ. مالىكىي نۇتۇق سۆزلەشتىن 90 مىنۇت ئىلگىرى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ئالاھىدە قىسىمىنى باغدادتىكى سەزگۈر رايونلارغا ئورۇنلاشتى. ئەرەب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قىسمەن ئالاھىدە قىسىمىنىڭ زۇڭتۇڭ مەسۇمنىڭ تۇرالغۇسىنى ئىشغال قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئەنگىلىيەدىكى «تايمېس گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىكىي زۇڭتۇڭنى «سىياسىي ئۆزگىرىش» پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن، مالىكىينى قوللايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىراق دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىراقنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى 11- ئاۋغۇست مالىكىينىڭ شىئە مەزھىپىدىكى «قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ ئىراق پارلامېنتىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. بۇ مالىكىينىڭ داۋاملىق زۇڭلى بولۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى.


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خارف 11- ئاۋغۇست: «ئامېرىكا ئىراقنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كاپالەتلىك قىلغۇچى زۇڭتۇڭ مەسۇمنى مۇتلەق قوللايدۇ» دەپ مالىكىيغا قارشى مۇقام توۋلىدى. خارف بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت كاتىپى برېت ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەسۇمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررى مالىكىيغا رەسمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئارىسىدا ئۈچ نەپەر زۇڭلى نامزاتى بار. بىراق مالىكىي ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەس. شۇڭا بىز ئىراقلىقلارنىڭ سوغۇققان بولۇپ، ئىراقتا دېموكراتىيە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىكىنى، ئارمىيە ۋە قوراللىق كۈچلەرنى قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىراق ھازىر ھۆكۈمەتنى قايتىدىن تەشكىللەشكە موھتاج. ئامېرىكا بار كۈچى بىلەن ئىراققا ياردەم بېرىدۇ. ئىشىنىمىزكى، كۆپ قىسىم ئىراقلىق تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا مالىكىينىڭ سۈزۈك سۇنى دۇغلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىنى سورايمىز».


خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئارمىيەسى باغداد كوچىلىرىنى چارلاۋېتىپتۇ. ئۇلار ئاساسلىقى، يېشىل رايوننى ئىشغال قىپتۇ. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېشىل رايونغا ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار باش ئىشتابى ئورۇنلاشقان ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلچىخانىسىمۇ مۇشۇ رايوندا ئىكەن.


رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 11- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ مالىكىيغا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاشتى. ئوباما يېقىندا ئىراقنىڭ ئەپۇچان ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى، بارلىق كۈچنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، رادىكال كۈچلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغانىدى. كۇردلاردىن چىققان سىياسىيون مەسۇم بۇنىڭلىق بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىراقتىكى «سەھەر گېزىتى» مۇ 11- ئاۋغۇست زۇڭتۇڭنىڭ تەرىپىنى قىلدى ھەمدە مەسۇمنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قارار چىقارماسلىقىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1. پارلامېنتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر كىمنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيە ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتە تالىشىپ قالدى. 2. شىئە مەزھىپىدىكى پارتىيە ئارىسىدىنمۇ مالىكىينىڭ ئۇدا زۇڭلى بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلار چىقتى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىكىي رەھبەرلىكىدىكى داۋا پارتىيەسىدىن چىققان ئىراق پارلامېنتتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەيدەر ئاباد ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا مۇنداق دەپ يازغان: «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئىتتىپاقىغا يېڭى زۇڭلى تەيىنلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى». ھەيدەر ئاباد زۇڭلى نامزاتىنىڭ بىرى ئىدى. ھەقىقەتەن مەسۇمنىڭ باياناتچىسى 11- ئاۋغۇست زۇڭتۇڭنىڭ ھەيدەر ئابادنى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە بۇيرىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا «ھازىر دۆلەت سىزنىڭ قولىڭىزدا» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.


رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىرتقى ساھەدىكىلەر مالىكىينىڭ بۇ قېتىمقى يېڭىدىن زۇڭلى سايلاشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. بىراق ئۇ چوقۇم ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ ھەربىي ئىشلار تەھلىلچىسى فرانكونا مۇنداق دېدى: «باغداد كوچىلىرىغا ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش مالىكىينىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنىڭ بېشارىتى. ئۇ خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى كوچىغا چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن باشقا، يەنە ئارمىيەدىكىلەرنىڭ تانكىلارنىمۇ كوچىغا ھەيدەپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى، بىر قىسىم كۆۋرۈكلەرنى ئىشغال قىلدى. قارىماققا ئۇ شەھەرنى قامال قىلىش شەكلىدە زۇڭتۇڭ بىلەن قارشىلىشىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ياخشى باشلىنىش ئەمەس». ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ يەنە بىر تەھلىلچىسى خورموس مۇنداق دېدى: «مالىكىي ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپلا تىز پۈكمەيدۇ. ئۇ ھازىر قاتمۇ قات مۇھاسىرىدە قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ھوقۇقنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشنىڭلا كويىدا بولۇۋاتىدۇ».

 

 سۈرەتتە: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلى ماكانسىز قالغانلار سۇرىيە چىگراسىغا قاراپ قاچماقتا.



خەتكۈچلەر:
16-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek