پاكىستاندا مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 130 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
17-12-2014
0
865
يازغۇچى: ئۆزياش
مەنبە: ۋاڭيى تورى
thumb

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

جوڭشىن تورى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلىگراممىسى. ئۇنۋىرسال خەۋەرلەرگە قارىغاندا 12-ئاينىڭ 16-كۈنى پاكىستان ئورگان باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلار پاكىستاننىڭ غەربى شىمال رايۇنىدىكى بىر ھەربى ئەترەت باشقۇرۇلىشىدىكى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان. ئۆلگەن ئادەم سانى 130 غا يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يارلانغان ئادەم سانى 120 دىن ئاشىدىكەن. بۇ تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى بالىلار ئىكەن. ئۆلۈم ۋە يارىدارلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. 

 

پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى « دۆلەتنىڭ تىراگىدىيىسى » دېدى. پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ دېيىشىچە ھۇجۇم قىلىش داۋاملىشىۋاتقان بۇلۇپ بىر قىسىم كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغان. بىراق تېررورچى ئۇنسۇرلار بىر قىسىم ئۇقۇغۇچى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. بىراق ئېنىق سانىنى ئاشكارىلىمىغان.

 

نەق مەيداننى كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ئەسكەرلەر پۈتۈن مەكتەپنى قورشىۋالغان. تىك ئۇچار ئايروپىلانلار مەكتەپ ئاسمىنىدا چۆرگىلەپ تۇرغان. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دوختۇرخانىغا يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇۋاتقان. 

 

بىر ئوقۇغۇچى شۇ يەرلىك بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىگە مۇنداق دېگەن :« بىز ئىمتىھان بېرىۋاتاتتۇق. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز سىرتتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. مۇئەللىم ئۇقۇغۇچىلارنى يېتىۋېلىشقا بۇيرۇدى. بىز مۇشۇنداق بىر سائەتتىن ئارتۇق يەردە يېتىۋالدۇق. ئوق ئاۋازى توختىغاندىن كېيىن ئەسكەرلەر بىزنى سىنىپتىن ئېلىپ چىقتى.»

 

بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى بەسۋا رايۇنىدا يۈز بەرگەن. ھەربىي تەرەپ قوماندانىنىڭ ئېيتىشىچە ئاز دېگەندىمۇ ئالتە نەپەر قوراللىق كىشى بىر ئارمىيە تەرەپ باشقۇرىۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرگەن.  چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۈچ نەپەر ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلىتىش بومبىسى تېڭىۋالغان ئۇنسۇر ئۆلگەن.

 

تالىبان بۇ قېتىمقى ھادىسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىىنى بىلدۈردى. تالىبان باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلىتىش بومبىسى تېڭىۋالغۇچى مەكتەپكە كىرگەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بالىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئەمەس ئىكەن . ھەقىقى مەقسىتى مەكتەپ ئىچىدىكى ھەربىي تەرەپ كىشىلىرى ئىكەن. 

 

تالىبان تەرەپنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن : « بىزنىڭ ھەربىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى پاكىستان غەربى ھەربىي تەرەپ بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ھۇجۇم قىلدى. بىز ئۇلارغا بۇ خىل ئازابنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويماقچى.»



خەتكۈچلەر:
17-12-2014
0
865
يازغۇچى: ئۆزياش
مەنبە: ۋاڭيى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-03-2015
0
40
thumb
جاھان ئاگېنتلىقى 30-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز، بىر قىسىم شەرتلەر بەدىلىگە يەمەندىكى قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشمىسى ئاستىدىكى بارلىق سىياسىي تەرەپلەر قاتنىشىدىغان ئۇچرىشىشق...
30-03-2015
0
167
thumb
ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە)نىڭ ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتى 20 – مارت شىۋېيتسارىيەنىڭ لائۇسان شەھىرىدە توخت...
30-03-2015
0
300
thumb
يېقىندىن بۇيان يەمەندە كەينى – كەينىدىن ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى، تۆت قېتىملىق مەسچىت ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 137 كىشى قازا قىلىپ، 350 كىشى يارىلاندى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ...
30-03-2015
0
155
thumb
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ‹‹مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋىرى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى خەينەندە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل ق...
30-03-2015
0
464
thumb
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالىمان 28-مارت مىسىرنىڭ شەمشەيىخ شەھىرىدە 26-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى يېتەكچىلىك قىلغان يەمەنگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش يەمە...
30-03-2015
0
290
thumb
مىسىرنىڭ شام شەيخدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەلارابى 29-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: كۆپ قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ...
30-03-2015
0
312
thumb
شىنخۇا تورى، سانائا، 29-مارت تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 29-مارت كەچتە يەمەن چېگرىسىدىكى خۇسەي قوراللىقلىرىغا داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. يەمەن ئورگانلىرى مۇنداق دېدى: 26-مارت سەھەردىن ھازىرغا...
30-03-2015
0
132
thumb
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 29-مارت تۇنىس پايتەختى تۇنىستا نەچچە مىڭلىغان ئامما باب سادۇن مەيدانىغا يىغىلىپ، باردۇ مۇزېيىغا قاراپ يولغا چىقىپ، تېررورلۇققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا تۇنىس زۇڭتۇڭى ئەل سېبسى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند، پە...
30-03-2015
0
209
thumb
جاھان ئاگېنتلىقى 29-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەيران بولغان 1989-يىلىدىن بۇيان ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئۆزبېكىستاندا خەلق ئاممىسى پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن بىلەت تاشلاش ئورۇنلىرىغا كەلدى. ئۆزبېكىستاندا...
30-03-2015
0
284
thumb
جاھان ئاگېنتلىقى 29-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پەلەستىننىڭ نابلۇس رايۇنىدا تۈركىيە تەرىپىدىن سېلىنغان «تۈرك قىزلار مەكتىپى» ئېچىلدى. بۇ مەكتەپكە پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن قۇددۇس شائىرى دەپ تۇنۇلغان شائىر ن...
Powered by Leglek