تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى، ئۇ تۈركىيەنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىرىمەن، دەپ قەسەم بەردى. ئوتتۇرا شەرقنىڭ رايون سىياسىسى جىددىيلىشىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپى ئارقا كۆرۈنىشىدىكى بۇ زۇڭتۇڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قانداق باشلامچىلىق قىلىدۇ؟
قويۇق ئىسلام تۈسىگە ئىگە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئەردوغان زۇڭلىلىقىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيەسىنى زور دەرىجىدە تەڭشىدى، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پائال ياخشىلىدى، قوشنىلىرى بىلەن بولغان كونا ئاداۋىتىنى تۈگىتىش مەقسىتىدىكى «مەسىلە كۆرۈلمەسلىك» دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى. مۇشۇ سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركىيە شىيە مەزھىپىدىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سۈرىيە بىلەن يارىشىپ، 10 يىلغا سۇزۇلغان شېرىن ئاي مەزگىلىنى باشتىن كەچۈردى.
2009-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش تۇنىس، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، بەلكى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگىمۇ زەربە بولدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر خىل كۈچلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە بېرىكىشى رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تۈركىيەنى سىناپ كۆرۈشكە ئالدىراتتى. شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ پەخرى باشلىقى جۇ ۋېيليې مۇنداق دېدى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، تۈركىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە رايونغا قايتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىش، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت مەسىلىلەرگە چوڭقۇر ئارىلاشتى، تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇپ، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەيدانىنى قوللىدى، ھەمدە بۇ مەيدانىنى روشەن ئىپادىلىدى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋۇ بىڭبىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىشىگە تۇتقان مەسىلە كۆرۈلمەسلىك سىياسىتىنى بوشاشتۇرۇشى تۈركىيەنى دوستلىرىدىن ئايرىۋەتتى، تۈركىيە سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قايتىدىن يامانلىشىپ كەتتى، نۇرغۇن سۈرىيە مۇساپىرلىرى تۈركىيەگە كىردى. ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى تەسىرىنى سۈرىيە ۋە ئىراققىچە كېڭەيتىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان تۈركىيەگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. تۈركىيە مىڭبىر جاپادا قولغا كەلتۈرگەن سۈرىيەدىن پارىس قولتۇقى ئەللىرىگە بارىدىغان سودا قۇرۇقلۇق يولى ئۈزۈپ تاشلاندى. تېخىمۇ يامىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يامانلاشتى. ئەسلىدە تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەختكە چىققان مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، مىسىرنى قوللايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۆزىگە تارتىپ، دوستلىرىنى يېڭىلىسا بولاتتى. ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باستۇرىلىشى بىلەن، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتى تېز يامانلىشىپ كەتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تارتتى.
مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەردوغان زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشىلايدۇ، بۇ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى چۈشىنىش ئەڭ تەس مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، مۇرەككەپ ئاچا يولغا كىرىپ قالدى: پەلستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە، تۈركىيە بىلەن قاتار خاماسنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ زىددىيىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، مىسىرنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ياراشتۇرىشىدا، تۈركىيەنىڭ يامان سۆزگە قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بۇ ئەردوغاننىڭ كەلگۈسىدە مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
تۈركىيەنىڭ ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارايدىغان بولساق، تۈركىيە مۇنداق ئۈچ چىگىش مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، بىرىنچىدىن، تۈركىيەنىڭ كۇردلارنى ئاپتونومىيىگە ئىگە قىلىش دەرىجىسى جەھەتتىكى سىياسىتى مۇجىمەل. ئىككىنچىدىن، ئىراق بىرلىككە كەلسە ئۆزىگە كۆپ پايدىسى بارمۇ ياكى پارچىلانسا ئۆزىگە كۆپ پايدىسى بارمۇ، تۈركىيە بۇ جەھەتتە بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئۈچۈنچىدىن، ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ باشار ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سېلىشى ياكى ئىراقتىكى كۇردلارغا تەھدىت سېلىشى مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانغان. مۇشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، تۈركىيەنىڭ ئىراق مەسىلىسىدە چوڭ رول ئوينىشى تەس.
ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارايدىغان بولساق، رۇھانى 6-ئايدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، 18 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان زۇڭتۇڭ بولغان ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە بەزى ھەمكارلىقى بولغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيەگە تۇتقان پۇزىتسىيە مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىدىكى يېشىش قىيىن بولغان تۈگۈن.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋۇ بىڭبىڭ مۇنداق دېدى: ئەردوئاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب-ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىدىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك. غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئەردوئاننىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى يولغا قويۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىرلارنىڭ بىرى. شۇڭا كەلگۈسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىسلام دىنى ئارقا كۆرۈنىشىدىكى بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىپ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى كۈچەيتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، دىپلوماتىيە جەھەتتە شەرققە ۋە جەنۇپقا يۈزلىنىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئايروپىلان قاتنىدى، شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىش، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەۋزەل كەسىپلەر بويىچە ھەمكارلىشىش تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ يۈزلىنىشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved