ئامېرىكىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش بىر كۈندە ئالتە جۈپ قوشكېزەك تۇغۇلغان.
بىر بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان ئىش، يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر دوختۇرخانىدا مۆجىزە يۈز بەرگەن. ئۇ بولسىمۇ، بىر كۈندە بۇ دوختۇرخانىدا ئالتە جۈپ قوشكېزەك تۇغۇلغان. بۇ دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇنداق ئىشقا يولۇقۇشى بولۇپ، باشقا دوختۇرخانىلاردىمۇ يۈز بېرىپ باقمىغانكەن. يەنە كېلىپ بۇ ئالتە جۈپ قوشكېزەكنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئۇرۇقلانغان بالىلار ئىكەن، بۇنداق كۆپ قوشكېزەكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۇغۇلۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش. بەختكە يارىشا بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ساغلام ئىكەن.
بۇ ئالتە جۈپ قوشكېزەكنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ئۆز-ئازا دوست بولۇپ قالغان بولۇپ، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇشقان. بەلكىم ئۇلار كېيىن بالىلىرىغا بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى قىلىپ بېرىشى مۇمكىن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved