پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش چەكلەنگەن ئالتە جاي قايسىلار؟

      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك مەسىلىسى. بۇلتۇر پورتۇگالىيەدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن قىيا تاشتىن سېيرىلىپ قازا قىلدى، يىل ئاخىرسىدا ئىسپانىيەدە بىر قىز ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا كۆۋرۈكتىن يىقىلىپ چۈشۈپ سۇدا تۇنجۇقۇپ جېنىدىن ئايرىلدى....تراگدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى خېلى كۆپ شەھەرلەر تەدبىر قوللىنىپ بەزى نۇقتىلاردا ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشىنى چەكلىدى.


فرانسىيە گاروپى دېڭىز ساھىلى

ئەگەر فرانسىيەنىڭ گاروپى دېڭىز ساھىلىدە بۇنداق سۈرەتكە چۈشسىڭىز ساقچىلار سىزنى ھەيدىۋېتىدۇ.


يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاش خۇمارى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى، ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئارقىسىغا چوڭقۇر شۆھرەتپەرەسلىك يوشۇرۇنغان. يەرلىكتىكى ئۆز تارتىم ئېقىمىنى چەكلەش ئۈچۈن فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گاروپى دېڭىز ساھىلى «سۈرەتكە چۈشۈش چەكلەش رايونى» قۇرغان، بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپ ساھىلدا ساقچلار چارلاپ سۈرەتكە تارتماقچى بولغان ساياھەتچىلەرنى چەكلىگەن ھەمدە ساياھەتچىلەرگە«خۇش بولسىڭىزلا بولدى، كۆز-كۆز قىلىشىڭىزنى ھاجىتى يوق» دېگەن ئىدىيەنى تارقاتقان.


ئىسپانىيە پامپلونا

بۇ سۈرەت ئۈچۈن بۇ ئەر 4000 دوللار جەرىمانە تۆلىدى


قەيەردە خەتەر بولسا شۇ يەردە ئۆز تارتىمچىلار كەم بولمايدۇ. بۇلتۇر يازدا بىر ئەر بىر تەرەپتىن بۇقىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغاچ يەنە بىر تەرەپتىن جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتقان. كېيىن ئىسپانىيە دائىرىلىرى بۇ كىشىگە 4000 دوللار جەرىمانە قويغان. ئەسلىدە ئىسپانىيە ئاللىقاچان چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىپ ساياھەتچىلەرنىڭ بۇقا يۈگرەۋاتقاندا سۈرەتكە تارتىشىنى چەكلىگەن. (ئۆز تارتىم سۈرەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

نيو يورك

يولۋاس بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكچىمۇ، ئۇنىڭ چىشىغا قاراڭ، قورقۇنچلۇقمىكەن.

بۇلتۇر ئۇچرىشىش دېتاللىرىدا مىڭلىغان ئابونتلار (ئاساسلىقى ئەرلەر) ئۆزىنىڭ يولۋاس بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىپ ياۋايى، قورقماس قىياپىتىنى ئىپادىلەپ يات جىنىسلارنى جەلپ قىلماقچى بولغان. لېكىن بۇ جەرياندا سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن يولۋاسنى ناركوز قىلغان، بۇ ئەلۋەتتە يولۋاسقا زور زەخىم ئېلىپ كېلىدۇ. ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن نيو يورك دائىرىلىرى يولۋاس قاتارلىق ھايۋاناتلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشنى چەكلىگەن.

ئىران

سىز ئىراندا توپ چولپانلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش خام خىيالىدا بولماڭ.

ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول چولپىنى بىلەن سۈرەتكە چۈشىۋالسا خۇددى ئۆزىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يەڭگەندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ. لېكىن ئىراندا پۇتبول چولپانلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشىۋىلىش پەقەت بىر چۈش خالاس. ئىران پۇتبول ھەيئىتى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىپ ھەرقانداق پۇتبول ماھىرىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ئايال مەستانلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئايال مەستانىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، تۇرقى ئىراننىڭ ئۆرپ-ئادىتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى يوشۇرۇن سىياسىي بالا–قازا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.  

سەئۇدى ئەرەبىستانى، مەككە

ھەر يىلى سانسىز مۇسۇلمانلار ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇقەددەس جاي مەككىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدۇ، ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر بۇ جەرياندا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ بۇ مۇقەددەس سەپىرىنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدى. بۇ ئىش يەرلىك دىنىي رەھبەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلار ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشتەك قىلمىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلغاندىكى دىققىتىنى چېچىۋىتىدۇ دەپ قاراپ بۇنى چەكلىگەن.


ئەنگلىيە ۋە كورىيە

ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ بازاردا ئۆز تارتىم مەھسۇلاتلىرى پەيدا بولدى. بىر تال ئاددىي سۇلياۋ تاياق بىلەن ئۆز تارتىمچىلار سۈرەت بۇلۇڭىنى ئاسانلا كونترول قىلالايدۇ. لېكىن ئۆز تارتىم تايىقىنىڭ كەمچىلىكى ئادەملەر توپىدا ئىشلىتىش قولايسىز، ھەتتا باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە O2 Arena تەنتەربىيە مەيدانى ۋە برىكستون تىياتىرخانىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز تارتىم تايىقىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا بازاردا سۈپىتى ناچار ئۆز تارتىم تاياقلىرى قاپلاپ كەتكەن، ئۇنى كۆك چىشقا ئۇلىسا باشقا ئەسۋابلارنىڭ كاردىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كورىيە ھوقۇق بېرىلمىگەن قانۇنسىز ئۆز تارتىم تاياقلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ھەمدە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويغان.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
06-02-2016
        ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ھىندونېزىيە سۇۋارا دۇپا ئارىلىنىڭ غەربىدىكى مېنتاۋاي تاقىم ئاراللىرىدا، يەرلىك ئاھالىلەر يەنىلا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتى بويىچە يا...
Powered by Leglek