ياۋروئاسىيا تور بېتىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان «دۇنيا بەخت دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 157 دۆلەتتە ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ بەخت ۋە پاراۋانلىق سەۋىيەسى 49-ئورۇندا تۇرغان. 2015-يىلى ئۆزبېكىستان 44-ئورۇندا تۇرغان ئىدى.
بى دۆلەتنىڭ پۇقرالار بەخت ۋە پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى باھالاشتىكى كۆرسەتكۈچ ئاساسلىقى ئوخشاش سېتىۋېلىش كۈچىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش سەۋىيەسى (بىر ئادەم خەتەردە تۇرۇۋاتقاندا تايىنىدىغان ئادىمى بارمۇ يوق)، مۆلچەردىكى ئۆمرى، شەخسىي ئەركىنلىك دەرىجىسى، كەڭ قورساقلىقى ۋە خەيرى-ساخاۋەت سەۋىيەسى، چىرىكلىككە بولغان تونۇشى، كەيپىياتىنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئەندىشىسىنىڭ سەۋەبى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۇقرالار بەخت ۋە پاراۋانلىق سەۋىيەسىدە، ئالدىنقى بەش ئورۇندىكى دۆلەت دانىيە، شۋېتسارىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە فېللاندىيە قاتارلىقلار بولغان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە، بۇلتۇرقىغا ئوخشاش ئۆزبېكىستان يەنىلا ئەڭ بەختلىك دۆلەت بولغان. قازاقىستان 54-ئورۇندا، مولدىۋا 55-ئورۇندا تۇرغان. رۇسىيە رەت تەرتىپتە 8 ئورۇن ئۆرلەپ 56-ئورۇندا تۇرغان. لىتۋا 60-ئورۇندا، بېلورۇسىيە 61-ئورۇندا، لاتۋىيە 68-ئورۇندا، ئېستونىيە 72-ئورۇندا، ئەزەربەيجان 81-ئورۇندا، قىرغىزىستان 85-ئورۇندا، تاجىكىستان 100-ئورۇندا تۇرغان. ئۇكرائىنا 111-ئورۇندىن 123-ئورۇنغا چۈشكەن. گرۇزىيە 126-ئورۇندا تۇرغان.
رەت تەرتىپتە ئەڭ ئارقىدا تۇرغىنى برۇندى بولۇپ، سۇرىيە كەينىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندا تۇرغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved