روسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

 
جۇڭجىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا يىللىق چوڭ تىپتىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنى ئاچتى ،ھەم ئۇكرائىنا كىرزىسى ھەم رۇسىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە كرىزىس ئۈستىدە توختالدى .پۇتىن :‹ئۇكرائىنا كىرزىسى ئۈستىدە توختالغاندا روسىيە سىياسىي تۈزۈلۈشتە كېلىشتۈرگۈچى بولۇشنى خالايدۇ ،ئۇكرائىنا كىرزىسنى تېزدىن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاھالىلەرنى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ ›دېدى .

 


پۇتىن يەنە رۇسىيىدىكى بىر قىسىم ئەل ئىچى ئەربابلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ياللانما ئەسكەر ئەمەسلىكىنى ،ئۇلارغا ھېچكىمنىڭ ھەق بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،روسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت تىلغا ئېلىنغاندا پۇتىن نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا ،غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەزەلدىن ئايرىشتىن ياساش ھەرىكىتىنى توختاتمىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .

 

روسىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چەتكە قېقىشى ۋە قارشى تۇرىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى روسىيە تەرەپنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكىدەك قەتئىيلىك بىلەن دۆلەت مەنپەتنى قوغداپ ئۆز ھوقۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئاساستا غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ يىل 3- ئايدا ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ غەرب دۆلەتلىرى روسىيىگە قارىتىلغان جازالاشنى كۈچەيتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ روسىيە ئىقتىسادىي قىيىن ئەھۋالدا قالدى .روسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .

 

2008-يىللىق پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىنىڭ قالدۇق دولقۇنى ئامېرىكىدىن ياۋروپاغىچە، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىن تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدە ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئاساسىي پىشاڭ يامىراپ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىشىنى پەيدا قىلدى. ھۆكۈمەت ئاساسىي پىشاڭىنى ساقىلاپ قېلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە مىقدارلاشتۇرۇلغان قويىۋېتىلگەن سىياسەتنى يولغا قويدى، ئەكىسچە بۇ كاپىتالنىڭ ئېقىپ يۈرۈشىنىڭ ئېشىش ھالىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.

 

ئەمما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ قالدۇق دولقۇنى تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىدىن يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىگە يامىراشتىن ساقلىنىپ قالالالمايدۇ. ئالدىقى يىلدىكى مۇھىم زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ھىندىستان بولدى، بۇ يىلقى باش رولچى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە غەربنىڭ ئىقتىسادى ئېمبارگوسى قاتارلىق قوش بېسىمغا ئۇچىرىغان روسىيە بولدى.


بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا، پۇتىن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋاقتىدىكىدەك يەنە بىر قېتىم پۇتىننىڭ تەقدىرى روسىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. نېفىت ئىقتىسادى ۋە كۈچلۈك ھۆكۈمران ئىلگىرى پۇتىننىڭ سىياسىي ھاياتىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھەم ئەينى ۋاقىتتا پۇتىنغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان رىقابەت ئېلىپ كەلگەن.

كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىكنىڭ قوللىشى ئاستىدا پۇتىن نۆۋەتتە يەنىلا ئۆزىنى تەقدىرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيا سىياسىدىكى يېڭى كۈچ سىنىشىش ۋە ئىقتىسادى تەكرار تەڭپۇڭلۇق ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا روسىيەنىڭ ئىقتىسادى تەقدىرى بەلكىم پۇتۈنلەي پۇتىننىڭ قولىدا بولماسلىقى مۇمكىن.

گەرچە ھازىر روسىيەنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ پۇتىننىڭ ھوقۇقنى زىيادە مەركەزلەشتۈرىشىگە قارىتا نارازىلىقى ئاستا-ئاستا ئاشتى.

ئەكىسچە ئۇكرائىنا كىرزىسى پارتىلىدى، روسىيە دۆلەت ئىچىدە مىللەتچىلەر دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، پۇتىننىڭ بۇنىڭغا تايىنىپ قوللاش نىسبىتى ئاشتى، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنى مۇستەھكەملىدى.ئەمما مىللەتچىلىك دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەكىسچە سىرتقا دۇنيادىكى تەسىرنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

غەرب بىلەن روسىيە تىركەشتى، شەكىل جەھەتتىكى تىركىشىش ئەمەس ئىدى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى روسىيە ۋە غەربنىڭ ھوقۇق كۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، قىسقا مەزگىلدە بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. گەرچە نېفىت باھاسى قايتىدىن ئۆسۈشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما غەربنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزىشى قىسقا مەزگىلدە ئاياقلاشمايدۇ ھەتتا تېزلىشىشى مۇمكىن، ئەكىسچە روسىيە ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز غەربنىڭ ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كۆلەڭگىسىدە تۇرىشى مۇمكىن.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek



خەتكۈچلەر:
21-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek