ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كالىفورنىيە شىتاتىدا بىر دانە 63 مىليون دوللارلىق « دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ خۇشاللىق » زور سوممىلىق لاتارىيە بېلىتىگە 2015- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى مۇكاپات ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھېچكىم مۇكاپاتنى ئالغىلى كەلمىگەن.
ئەمما شۇ جاي ۋاقتى 2016- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات ئېلىش مۇددىتى توشىدىكەن، ناۋادا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يەنىلا ئۆزىنى كۆرسەتمىسە، بۇ زور سومملىق لاتارىيە بېلىتى بېكار بولۇپ كېتىدىكەن.
شۇ جايدىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئورنىنىڭ ئەمەلدارى ھەتتا لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئورنىدىكى تېلىكامىرا سىن كۆرۈنۈشىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپات ئېگىسىنى ئىزدىگەن، ئەمما يەنىلا قۇرۇق ئاۋارە بولغان. ناۋادا بۇ لاتارىيە بېلىتى راستىنلا بېكار قىلىۋېتىلسە، مۇكاپات سوممىسىنىڭ ھەممىسى كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved