ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى دوڭچېڭ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى چېڭ لوڭنىڭ ئوغلى فاڭ زۇمىڭنىڭ باشقىلارنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ زەھەر چېكىش دېلوسىغا ئۇچۇق سوت ئاچتى. ئىگىلىنىشچە فاڭ زۇمىڭ قاتارلىقلارنىڭ زەھەر چەككىنىگە 5 ئايدەك ۋاقىت بولغان.بۇ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ ساقچى تەرەپ فاڭزۇمىڭ، خې جېندوڭ قاتارلىقلارنى زەھەر چېكىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغاندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم رەسمىي ھالدا قارار چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ.جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى بولغاچقا ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ھەرىكىتى بولغاچقا فاڭ زۇمىڭ ئاخىرىدا 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ھەم 2000 يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قۇيۇلدى. پۈتۈن سوت جەريانىدا فاڭ زۇمىڭ ناھايىتى ماسلاشقان. ھەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىلگىرى 100 گىرامدىن ئارتۇق زەھەر يۇشۇرغانلىقىنى تاپشۇرغان. ھەك كۆپ قېتىم ئايال چولپاننى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ زەھەر چېكىش ھەرىكىتىنى تاپشۇرغان. ئۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇغانلىقىنى تەكىتلەپ بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ساقچى تەرەپنىڭ فاڭ زۇمىڭنىڭ ئۆيىدىن 100 گىرامدىن ئارتۇق زەھەر تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. فاڭ زۇمىڭمۇ ئىككى يىل ئىلگىرىلا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە خىروئىن بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. تۈرمىدە فاڭ زۇمىڭ ئۆزىنىڭ 8 يىللىق زەھەر چېكىش تارىخى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە دادىسى چېڭ لوڭنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كەلمىگەنلىكىنى ھەم داسىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇناسىۋەت يولىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئيتقان. بۇ قېتىملىق رەسمىي سوتقىمۇ چېڭ لوڭ ئەر ئايال قاتناشمىغان. پەقەت فاڭ زۇمىڭنىڭ ۋاستىچىسى بۇ سوتقا قاتناشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved