ئوسكار نامزاتىغا ئۇدا ئىككى يىل پەقەت ئاقلارلا كىرگەنلىكتىن، ھوللىۋودتىكى داڭلىق ئافرىقان ئارتىس ۋىل شىمىس بۇندىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمىلىيەتتە، بۇ ۋىل شىمىسنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشى ئەمەس-ئىلگىرى 80-يىللاردا ئۇ گرەممىنىمۇ بايقۇت قىلغان.
كۆپ ئىقتىدارلىق ۋىل شىمىس نۇرغۇنلىغان كلاسسىك فىلىمدە رول ئېلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناخشا ئېيتىش تەرەپتىمۇ تالانتى بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا، ۋىل شىمىس DJ Jazzy Jeff بىلەن تەشكىللىگەن ئىككى كىشلىك گۇرۇپپا ئىنتايىن مودا بولغان، ئىككىسى ھەتتا 1989-يىلى «Parents Just Don't Understand» گرەممى مۇكاپاتى «ئەڭ مۇنەۋەر پوپ ماھارەت ئورۇنلاش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، ئەمما ئۇ ئىككىسى گرەممى مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشنى تاللىغان.
«بىزنىڭ گرەممى بىلەن ھېچقانداق خۇسۇسىي ئۆچ-ئاداۋىتىمىز يوق. بىزنىڭ پەقەت 1989-يىلىدىكى ئاشۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ لاھىيەلىنىشىگە پىكىرىمىز بار، شۇڭا بىز قاتنىشىشنى رەت قىلدۇق. بىز ئاشۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ قىسمەن لاھىيەلىنىشى بىزنىڭ يۈزىمىزگە ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلدۇق.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
بۇ ئىش توغرىسىدا، ئەينى يىلى ۋىل شىمىس بىلەن بىرلىكتە گرەممىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان DJ Jazzy Jeff ئىلگىرى تەپسىلىيرەك بايان قىلغان: «كومېتىت بارلىق جەريانىنى تېلۋىزىيەدە بىۋاستە قويۇشقا يىتەرلىك يوقلىقىنى ئېيىتتى، ئۇلار 16 بۆلىكىنى بىۋاستە قويماقچى بولدى، بۇ 16 بۆلىكى سېتىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پلاستىنكا، بىلبورد تىزىملىكىدىكى يەككە ناخشا ۋە ناخشا مەستانىلىرى باھالىغان مۇكاپات تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىپ خوپ مۇزىكىسى ئالدىنقى 16 بۆلەكنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن، شۇڭا بىز بارمىدۇق.» دەپ بايان قىلغان.
گرەممى مۇكاپاتىنى رەت قىلغان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، ۋىل شىمىن بۇ يىل قايتا ئوسكارغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved