شۇ يەر ۋاقتى 26-يانۋار ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسى ئاق ساراي ئىچىدىكى بىر يەردىن كىچىك تىپتىكى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بايقىغان . ئاق ساراي باياناتچىسى ئېرنېست ئاق سارايدىن ‹‹ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان›› بايقىغانلىق خەۋىرىنى دەلىللىگەن ھەمدە بۇ ‹‹ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان›› نىڭ ھېچقانداق خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ ئايروپىلاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تىپى قاتارلىق تەپسىلاتىنى تېخى بىلمەيدىكەن، ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسى بۇنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved