بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 10-ماي، تايلاند بانكوك، تايلاندنىڭ قىزىل مايكلىقلار ئارمىيەسى ئېنلاكنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ ،كوچىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتكە مەدەت بەردى ھەم ئۆكتىچىلەر بىلەن قارشىلاشتى.
تايلاندنىڭ ئىستىبداتلىققا قارشى دېموكرات ئىتتىپاقىنىڭ قوللىغۇچىلىرى «قىزىل مايكىلىق»لىرى 10-مايدىن باشلاپ پايتەخت بانكوكنىڭ غەربىدىكى رايون ۋە باشقا جايلاردا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە مەدەت بەردى ۋە ئاساسىي قانۇن سوتى قاتارلىق مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ «ئادىل بولماسلىقى»غا ئېتىراز بىلدۈردى. بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۆكتىچى نامايىشچىلار بانكوكتا يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت بولغان «ھەل قىلغۇچ جەڭ»گە ئاتلاندى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشۈشىنى ھەم ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى : ‹ تايلاند قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئېنلاك 2011-يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىدىكى باش كاتىپى تاكۋىننى يۆتكىۋېتىش قىلمىشىدا ئۆز ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ، شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى › دەپ ھۆكۈم قىلغان بۇلۇپ ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېنلاكنىڭ قوللىغۇچىلىرى يەنىمۇ ككپىيىپ كەتكەن . ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئۇنى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ،شەخسىي پايدىنى كۆزلەپ ،ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى .ئەمما ئېنلاك ئۆزىنىڭ شەخسى پايدىنى كۆزلىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى .
ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : ‹ بۇ دۆلەتنى باشقۇرغاندا ،ئىزچىل سەمىمىي ئادىل بولۇپ كەلدىم ،ھەرقانداق سەمىمىيەتسىز قىلمىشنى قىلمىدىم ،ئاتالمىش سەمىمىيەتسىزلىككە ياتىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم›. ئېنلاك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ نەتىجىسىگە ئىپادە بىلدۈرمىدى .ئۇ تايلاندنىڭ زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە،ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىش قىلغان ياكى پارا يەپ چىرىكلىك قىلغان قىلمىشىم يوق دېدى . ئۇ يەنە بۇندىن كېيىن قەيەردە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ،داۋاملىق تايلاند خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ،دۆلەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ بىناسىدىن چىقىپ ،قوللىغۇچىلىرى قىزىل مايكىلىقلار بىلەن كۆرۈشتى .
قىزىل مايكىلىقلار مۇنداق دېدى : ‹ ھەققانىيەت دەيدىغان نەرسە يوق ئىكەن ،ھەققانىيەت بولىدىغان بولسا بۈگۈنكىدەك ئىش بولمىغان بولاتتى ،بىز ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز ›.قىزىل مايكىلىقلارنىڭ رەھبىرى زاتۇ 13-ماي چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىنىڭ ھۆكۈمىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved