24-دېكابىر، ئاسماندىن چۈشكەن بىر يوغان تاش ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ ئۆتۈپ شوپۇر گاۋ شۇچياڭنىڭ ئوڭ بىلىكىگە تېگىپ، زەخمىلەندۈرگەن. بېشى ئايلىنىپ ماشىنىنىڭ رولىنى سول قولىدا جىددىي باشقۇرغان ھەمدە يولوچىلارنىڭ ياردىمىدە، ماشىنىنى جىددىي تورمۇزلاپ، ماشىنىدىكى 16 نەپەر يولوچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. بۇ ھادىسە لوياڭ شەھىرى لولۈەن تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يول بۆلىكىنىڭ بىر تەرىپى تاش تاغ، يەنە بىر تەرىپى 20 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغا بولۇپ، يولوچىلار ئاپتوبۇسى ناۋادا كونتروللۇقىنى يوقاتسىلا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved