پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 بولغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانى نوكامپۇرد توپ مەيدانىدا بىلىيالار كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا چېرىشوف بىلىيالار ئۈچۈن تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. نېيمار ئارقىدىنلا بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بىلىيالار كوماندىسىدىن ۋىئاتو بىر توپ كىرگۈزۈپ يەنە بىر قېتىم ئېشىپ كەتتى. بىراق ئىككى مىنۇت ئۆتۈپلا رافىنىيا بىر توپ كىرگۈزۈپ يەنە تەڭلەشتۈردى. مېسسى بىر توپ كىرگۈزۈپ 3-2 نەتىجىدە بىلىيالار كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-2 نەتىجە بىلەن بىلىيالار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ قىممەتلىك بولغان ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كۇلۇبى ئۈچۈن ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزۈپ غەلبىگە باشلىغان مېسسى پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 9.1 نومۇرغا ئېرىشتى.
بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: بۇراف. ئالۋېس. پىك. ماسچىلانو. ئالبا. بۇسكېس ( 72′مارتىنى ) . رافىنىيا ( 88′راچىدىك ) ئىنىستا . سۇئارىز ( 78′پېدرو ) . مېسسى. نېيمار .
بىلىيالار كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
ئارسىنھو. ۋىكتور لۇيىس. يائۇمى كوست. مارىئو. مۇساگىئو. جونىسون دوسسانتوس ( 84′گومىز ) . چېرىشوف. بۇرىنھو. ۋىئاتو. پىنا (77′ تېرگىروس ). دوسسانتوس ( 88′ ۋوچ).
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved