كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسى

غالىپ خۇجىئابدۇللا

 

 

دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەملىكىتىمىزدە، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇرغۇن كارخانا قۇرۇلدى. كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كارخانا خىزمەتچىلىرىمۇ كۆپىيىپ باردى. بەزى كارخانا خوجايىنلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، دىپلومىغا، يېشىغا، جىنسىغا ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئەمەلىيەتتە كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى، كارخانا تەرەققىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر قىلىدۇ.

 

ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە كارخانىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراب بولۇشى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا خوجايىنلىرى ئۆزىگە قاراشلىق كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىكى گەپ – سۆز، يۈرۈش – تۇرۇشى، خېرىدارلارغا بولغان مۇئامىلىسى، كەسپى ئەخلاقى ۋە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، بەلكى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىكەن. چەت ئەللىك خوجايىنلارنىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى تۇرمۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، خىزمەتچىلىرىنىڭ ساغلام ھەۋەس، ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋېلىشىغا ئىلمىي يېتەكلىشى، مۇقەررەر ھالدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، بەلكى كارخانىسىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

 

فىرانسىيەلىك كاسىت ئىسىملىك بىر كىشى 1949 – يىلى ئۈزۈم پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، 30 خىزمەتچى قوبۇل قىپتۇ. بىر كۈنى كاسىت ئىشتىن چۈشۈپ خوتۇنى بىلەن كوچا ئارىلاپ كېتىۋاتقاندا، بىر خىزمەتچىسىنىڭ قىمارخانىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. گەرچە فىرانسىيە قانۇنىدا قىمار ئويناشقا يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كاسىت بۇنداق ھەۋەسنىڭ ئۇلارغا قىلچە پايدىسى يوقلۇقىنى ھېس قىپتۇ. كاسىت ئۇ خىزمەتچىسىنىڭ كەينىدىن قىمارخانىغا كىرسە، يەنە بىر نەچچە خىزمەتچىسى بۇ يەردە قىمار ئويناۋاتقان ئىكەن. كاسىت ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ قىمارخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.

 

مۇشۇ ئىشتىن كېيىن كاسىت ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ساغلام بىر تۇرمۇش ھەۋىسى يېتىلدۈرۈۋېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزاق ئويلىنىپ خىزمەتچىلىرىگە بىر بىنا سېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ – دە، دەرھال بىرمۇنچە پۇل ئاجرىتىپ بىنا سالدۇرۇپتۇ. ئۇ بۇ بىنادا ئۇسسۇل كۇرسى، يېزىقچىلىق كۇرسى، مۇزىكا كۇرسى، رەسساملىق كۇرسى قاتارلىق كۇرسلارنى ئېچىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇزاققا بارماي ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى كۇرسلارغا قاتنىشىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەدىكى بالېت ئۇسسۇللىرىنى كۆرىدىغان، داڭلىق رەسساملار بىلەن ئۇچرىشىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىدىغان بوپتۇ.

 

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كاسىت ئاچقان كۇرسلار ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن فىرانسىيەدىكى نۇرغۇن كارخانىچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ كاسىتنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قېلىشىپتۇ. بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ تەسىرىدە كاسىتنىڭ ئۈزۈم ھاراق زاۋۇتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ. يېقىندا ئۇنىڭ ئۈزۈم ھاراق زاۋۇتى فىرانسىيە بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئۈزۈم ھاراق زاۋۇتىغا ئايلىنىپ، يىللىق ھاراق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4 مىليارد 50 مىليون قۇتىدىن ئېشىپتۇ.

 

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، كارخانا خوجايىنلىرى كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، باشقۇرۇش تۈزۈملىرى، باشقىلارنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرى ۋە پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرىغىلا ئېسىلىۋالماي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشى ئىنتايىن مۇھىمكەن. مەيلى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە – ئورۇنلار بولسۇن ياكى شەخسىي كارخانىلار بولسۇن، خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى، شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. مەلۇم بىر كارخانا ياكى مەلۇم بىر كوللېكتىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئورۇننىڭ ياكى كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مۇبادا مەلۇم بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولسا، بۇ كارخانا ئۆزىنىڭ ساپاسىز خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا خوجايىنلىرى چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
11-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
        چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىياڭگاڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى تورغا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جاي ئىكەن. شىمالىي ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغ...
13-05-2016
        جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى 13-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشقان بولۇپ، 131 مىليون يۈەن ب...
13-05-2016
       بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1271.44 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 5.4 دوللار ئۆستى؛ ھەر ئۇنىسيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 17.06 دوللار بولۇ...
12-05-2016
      مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسى تەڭشىلىدىك...
12-05-2016
    جۇڭگو شىزاڭ تورى خەۋىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا توي تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرى ئۆتكۈزۈش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۆز...
11-05-2016
    جۇڭگو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئىقتىساد كۆك ...
11-05-2016
    بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسىغا ياخشى ئۆسۈش پۇرسىتىى يارىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بازاردا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائات 11 ...
11-05-2016
   جۇڭگو شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت رايونىغا تىرىلىئون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر مەبلىغى سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا رايوننىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنىق...
11-05-2016
   مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ يىلقى تۆمۈر رۇدىسى ۋە پولات-تۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ ئاساسنىڭ ئىنت...
10-05-2016
    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز بانكا ساھەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020-يىلغىچە 35 نامرات ناھىيەدىكى بارلىق يېزا...
Powered by Leglek