جاھان ئاگېنتلىقى 17-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا ئايرۇدروم ئەتراپىدىكى چەتئەللىك ئەسكەرلەر ئولتۇرغان بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپ پارتىلدى. پارتلاشتا 3 كىشى ئۆلدى، 18 كىشى يارىلاندى. بۇ ھۇجۇمنى تالىبان تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبادۇللاھ كەرىمى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى دائىرلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بومبا قاچىلانغان ماشىنا ئايرۇدروم بىلەن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي بازىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يول بۆلىكىدە پارتىلىغان. ئافغانىستان ئارمىيىسى يېقىندا تالىبان تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى، ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنىدىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىدە 138 نەپەر تالىبان قۇراللىقىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved