پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىن كېيىن مېسسى بىۋاستە بارسېلونا ئورگان تېلىۋىزىيەسىنىڭ مۇسابىقىنى تارقىتىش ئۆيىگە كىرىپ يېقىندىن بۇيان ئۆزى توغۇرلۇق بولغان پىكىرلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.
« مەن كۇلۇبنىڭ بىرەرسىنى ئىشتىن بوشىتىشىنى تەلەپ قىلمىدىم. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن ھەيران قالغاندىن باشقا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. چۈنكى باسېلونا كىشىلىرى مۇشۇنداق دەپتۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا مېنىڭچە كوماندا چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك.»
« يەنە بىرسى، مەن بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئايرىلمايمەن، بارلىق تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان.» مېسسى يېقىندىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرى تارقاتقان ئۆزىنىڭ چېلسىي كۇلۇبى ياكى مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىغا يۆتكىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە رەددىيە بەردى.« ئاخبارات ۋاستىلىرى مېنى كۇلۇبنىڭ پۇتبول زومىگىرى دەپ كۆرسىتىپتۇ. بىراق ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس، مەن پەقەت بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئادەتتىكى بىر توپچىسى خالاس.»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved