دۇكان خوجايىنى لال (Lal) يېقىلغان ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورىنى خېرىدارنىڭ ئاغزىغا سالماقتا.
ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەر راجكوت (Rajkot) تىكى چۇننى لال (Chunni Lal) ئىسىملىك سودىگەر يېقىندا غەلىتە بولغان ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورا تەتقىق قىلىپ چىققان، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولسا ئوت يېقىلغاندىن كېيىن بىۋاستە ئېغىزغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە دورىلىق تەركىبى ئارقىلىق كىشىلەرگە بىر خىل راھەتلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىكەن.
ھىندىستاندا ئىزچىل ھالدا بىر خىل قەدىمىي بولغان ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورا كەڭ تارقالغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇنى Pann دەپ ئاتىغان. بۇ خىل ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورىسى شۇ جاينىڭ ئۆسۈملۈك بىلەن دورىنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان بولۇپ، تەمى ئىنتايىن تاتلىق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل دورا قەلەمپۇر، چوڭ لاچىندانە، سىپارى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سىپارى يوپۇرمىقى بىلەن ئورالغان ئىكەن.
لالنىڭ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان، يالقۇن نۇسخىسىدىكى ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورا بولسا ئۇنىڭ تەتقىق قىلغان ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
لال ئىجاد قىلغان بۇ «يالقۇن» ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورا ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ھەرخىل تەمدىكىسى بار ئىكەن، شۇنىڭ تەسىرىدە ئۇ شۇ جايدىكى داڭلىق شەخىسلەردىن بولۇپ قالغان.
لال ئاخىردا مۇنداق دېگەن: «بىز جەمئىي 25 خىل ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورىسىنى ساتتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە شاكىلات، يالپۇز ۋە باشقا تەمدىكىلىرىمۇ بار. بازار رىقابىتى كەسكىن بولغانلىقتىن، ئىستېمالچىلارمۇ يېڭىچە تەمىنى ئىزدىمەكتە، شۇڭلاشقا بىز ئاخىردا ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىشقا قىلغان ئاساستا «يالقۇن» ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرغۇچى دورىسىدىن ئىبارەت بۇ مەھسۇلاتنى كەشىپ قىلىپ چىقتۇق. دەسلىپىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى،بىراق بۇ مەھسۇلات ھازىر بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلاتىمىزغا ئايلاندى».
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر لاخىرنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرۇشنى ياقتۇرۇپ قالغان.
ھەركۈنى كەچ لالنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرىدىغان رامان سىگ (Raman Singh) ئىسىملىك بىر خېرىدارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەركۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئۇ يەنە باشقا ساپلاشتۇرغۇچى دورا دۇكانلارغىمۇ بارغان، بىراق بۇنىڭ ئۈنۈمى لالنىڭ مەھسۇلاتىغا ئوخشاش ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتەلمىگەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved